خىتاي مودا كىيىم ماركىسى شېئىننىڭ پاي چېكى تارقىتىشنى نيۇ-يوركتىن لوندونغا يۆتكىمەكچى بولغان
خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىگە چېتىشلىق، دەپ ئەيىبلىنىپ كېلىنگەن شېئىن مودا كىيىم شىركىتى، نيۇ-يورك ئاكسىيە بازىرىدا پاي چېكى تارقىتىشنى لوندونغا يۆتكەلمەكچى بولغان.
-
ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024-03-01 -
-
-
خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىگە چېتىشلىق، دەپ ئەيىبلىنىپ كېلىنگەن شېئىن مودا كىيىم شىركىتى، نيۇ-يورك ئاكسىيە بازىرىدا پاي چېكى تارقىتىشنى لوندونغا يۆتكەلمەكچى بولغان.
«بايلىق» ژۇرنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەر ئىككى دوللارغا مايكا سېتىش بىلەن داڭق چىقارغان شېئىننىڭ نيۇ-يورك ئاكسىيە بازىرىغا كىرىشتە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى، ئامېرىكا ئاكسىيە بازىرىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئۇنىڭ ئىلتىماسىنى تەستىقلىشىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، لوندونغا ئۈمىد باغلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن خەۋەردە ئۇنىڭ لوندونغا يۆتكىلىش پىكرىنىڭ تېخى دەسلەپكى باسقۇچتا تۇرۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىنماقتا. شېئىن شىركىتى ئىلگىرى خىتايدا قۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن كېيىنرەك مەركىزىنى سىنگاپورغا يۆتكەپ كەتكەن بۇ شىركەتنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدا سوئال پەيدا قىلىپ كەلگەن ئىدى.
«بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» ئاگېنتلىقى 2022-يىلى تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق شېئىننىڭ مەھسۇلاتلىرىغا «شىنجاڭ پاختىسى» ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان. ھالبۇكى، «شىنجاڭ پاختىسى» ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق، دەپ قارىلىپ، «شىنجاڭ پاختىسى» ئىشلەتكەن توۋارلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشى چەكلەنگەن ئىدى. خەۋەرلەردە، شېئىن ئامېرىكادا بازارغا چىقىش ئىلتىماسىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن باشقا يوللارنىمۇ ئويلىشىۋاتقانلىقى، بازارغا چىقىشتا سىنگاپور ياكى خوڭكوڭنىمۇ ئويلىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا. ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىيو ئىلگىرى ئامېرىكا ئاكسىيە بازىرىنى باشقۇرۇش كومىتېتىغا خەت يېزىپ، شېئىننىڭ ئامېرىكا ئاكسىيە بازىرىغا چىقىشىنى توسۇشنى، ئۇنىڭ خىتايدىكى سودا پائالىيىتىگە ئائىت تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئاۋام پالاتا ئەزاسى جېنېفېر ۋاكستونمۇ شېئىننىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» نى ئىشلىتىشىگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، شېئىن لوندونغا يۆتكىلىشنى ئويلىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشتە دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارىتا نىشانلىق ۋە كونكرېت چەكلەش تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان.