ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەپچىقىرىلىپ ئىتالىيەنىڭ سالېرنو پورتىغا يېتىپ كەلگەن 40 كونتېنېر پەمىدۇر قىيامى ئىتالىيەدىكى كولدېرىتې (Coldiretti) ناملىق ئەڭ چوڭ يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ 29-ماي كۈنى X تا ئېلان قىلغان ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىتالىيەنى ئاساس قىلغان ھالدا ياۋروپا بويىچە بىر مىليون 600 مىڭ ئەزاسى بۇ تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرى، سالېرنو پورتىدا مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتى بولغان 40 كونتېنېرلىق «شىنجاڭ پەمىدۇرى» نى باسقان يۈك پاراخوتىنىڭ سالېرنو پورتىغا كىرىشىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مەھسۇلاتلار بۇ يىل 29-ئاپرېل كۈنى ئۇيغۇر دىيارىدىن يولغا چىقىپ خىتاي-ياۋروپا تۆمۈر يولى ئارقىلىق ياۋروپاغا يېتىپ بارغان ۋە بۇ يەردىن پاراخوتقا بېسىلىپ سالېرنو دېڭىز پورتىغا يېتىپ كەلگەن. خىتاي تاراتقۇلىرى يېقىندا مال باسقان بىر يۈك پويىزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن قوزغىلىپ ئىتالىيەگىچە يېتىپ بارغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
بۇ خەۋەر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، ئىتالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن مەھسۇلاتلارنى توسۇشى تەلەپ قىلىنغان ئىدى. خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ياۋروپاغا يوللاشنى كۆپەيتىشى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېقىندا «مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش نىزامى» ماقۇللاپ، ئىجرا قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بىر پەيتتە يۈز بەرمەكتە.
خىتاي تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ياۋروپاغا چىقارغان ئېكسپورتى بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا 200 پىرسەنتتىن كۆپ ئارتقان. ئىتالىيەنىڭ Coldiretti تەشكىلاتى 29-ماي كۈنى ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، ئىتالىيەنىڭ 2023-يىلى خىتاينىڭ 85 مىليون كىلوگىرام پەمىدۇر مەھسۇلاتى ئىمپورت قىلغانلىقى، بۇنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دۇنيا بويىچە پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرىنى ئەڭ كۆپ ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارى ئۇنىڭ ئاساسلىق پەمىدۇر بازىسى ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، 2023-يىلى خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان پەمىدۇرنىڭ 80 پىرسەنتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.