ئۇيغۇر دىيارىدىكى «پەۋقۇلئاددە» ئەمەلدار ئالماشتۇرۇش دىققەت قوزغىدى
2021.06.08
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تەنقىدلەۋاتقاندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى «پەۋقۇلئاددە» ئەمەلدار يەڭگۈشلەش ھادىسىسى دىققەت قوزغىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 8-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ جاۋ چوڭجيۇ ۋە جاڭ چۈنلىن ئىسىملىك ئىككى مۇئاۋىن رەئىسى «ئىستېپا بەرگەن»، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى بولسا ئۇلارنىڭ ئىستېپانامىسىنى «قوبۇل قىلغان.»
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 7-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى، قوشۇمچە ۋېنجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن ۋېيجۈن شۇ كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن. «سىنا خەۋەرلىرى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، چېن ۋېيجۈن ئىزچىل «سىياسىي ساپاسى يۇقىرى، ‹تۆتنى تونۇش› قارىشى يۇقىرى، بايرىقى روشەن، زور سىياسىي مەسىلىلەردە باش سېكرېتار شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىيالايدۇ» دېگەندەك خىزمەت باھاسىغا ئېرىشىپ كەلگەن ئىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىر باش رەئىس، 11 مۇئاۋىن رەئىس بار ئىكەن. بۇ 11 كىشىنىڭ يەتتە نەپىرى خىتاي ئىكەن.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئانالىزچىلاردىن ئېلشات ھەسەن بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھۆكۈمرانلىق قۇرۇلمىسىنى ھەرقاچان ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتى ۋە پايدىسى ئۈچۈن تەڭشەپ كەلگەن. بۇ خىلدىكى ئەمەلدار ئالماشتۇرۇشنىڭ كەينىدە ھەرقاچان تاشقى دۇنيادىن سىر تۇتۇلىدىغان كۆپ ئىشلار بولىدۇ» دېدى.