قاماقتىكى مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە پەيغەمبەرنىڭ رەسىمى

يېقىنقى بىر ئايدىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار جامائىتى فرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانيۇل ماكروننىڭ «مۇسۇلمانلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ كارتون رەسىمى ئۈچۈن غەزەپلەنگەنلىكىنى توغرا چۈشىنىمەن. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن بۇ رەسىمنى ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسەتكەن بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ كاللىسىنى كېسىشتەك قەبىھ قىلمىشنى ئاقلىغىلى بولمايدۇ،» دېگەن سۆزىدىن نارازى بولۇپ، فرانسىيەگە قارشى نامايىش قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. 16-نويابىر كۈنى فرانسىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن دىلنۇر رەيھان «دۇنيا» گېزىتىدە ئوبزور ئېلان قىلىپ: «مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ جېنى ئاشۇ رەسىملەرگىمۇ يەتمەمدۇ؟» دەپ سوئال قويغان.

ئاپتور ماقالىسىدا «ئوقۇتقۇچىنىڭ كاللىسىنى ئېلىش» ۋەقەسىنى فرانسىيەدىكى مۇسۇلمانلارلا ئەمەس، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى مىليونلىغان مۇسۇلمانلارنىڭمۇ ئەيىبلەۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا ئىسلام دىنىنىڭ ھېچقاچان بۇنداق قەبىھلىكنى تەرغىب قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «پەيغەمبەرنىڭ رەسىمىنى كۆرسىتىش» ۋەقەسىدىن شۇنچە «غەزەپ» كە كەلگەن مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ نۆۋەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان، مىليونلارچە ئۇيغۇرنى لاگېرغا قاماپ قىيناۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىگە «غەزەپ قىلماسلىقى» غا بولغان ھەيرانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇنىڭدەك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قىلمىشىنى قوللىغان 50 نەچچە دۆلەتنىڭ يېرىمى ئىسلام دۆلەتلىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئانالىزچىلار مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا يېقىندىن بۇيان ئەۋج ئېلىۋاتقان «فرانسىيە ماللىرىنى بايقۇت قىلىش»، «فرانسىيەگە بولغان نەپرىتىنى ئىپادىلەش» نامايىشلىرىنى تەنقىدلەپ: «بۇ بەجايىكى ‹چىۋىن قونسا غىڭشىيسەن، كالتەك تەگسە جىم› دېگەننىڭ نەق ئۆزى بولماقتا،» دېيىشمەكتە ئىكەن.