خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى باشلىقى خىتايدىكى زىيارىتىدە ئالىي مەكتەپلەردە پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى

ئامېرىكىنىڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ بىرى بولغان خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى باشلىقى جىۋ فاستىس خىتاينىڭ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنى زىيارەت قىلغاندا قىلغان سۆزىدە،ئالىي مەكتەپلەردە پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەرقانداق بىر مەسىلىنى ئوچۇق-يورۇق تارتىشقىلى بولىدىغان بىر ئورۇن بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ «ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلاردا مۇنازىرە ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. چۈنكى، مۇنازىرە، پىكىر ئىختىلاپى، سوئال-گۇمانلار ۋە يەكۈن ئارقىلىقلا بىلىم پەيدا بولىدۇ» دېگەن.

جىۋ فاستىس خانىم ئامېرىكا-خىتاي ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇش خىزمەتلىرى ئۈچۈن خىتايغا تەكلىپ قىلىنغان ئىدى. ئۇ خىتايدىكى زىيارىتى جەريانىدا چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىۋېرسىىتېت ئوقۇغۇچىلىرى ۋە رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقان. ئۇ ئوقۇغۇچىلارغا قىلغان نۇتقىدا يەنە «يېڭى بايقاشلار پەقەتلا ئاكادېمىيە ئەركىنلىكى ۋە پىكىر ئەركىنلىكى بولغاندىلا مەيدانغا كېلىدۇ» دېگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، جىۋ فاستىس خانىمنىڭ سۆزلىرىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ سىياسەتلىرى بىلەن زىتلىشىپ قالىدىغانلىقىنى، چۈنكى 2012-يىلىدىن بۇيان نۇرغۇن ئوچۇق پىكىرلىك پروفېسسورلارنىڭ جىمىقتۇرۇلغانلىقىنى ۋە خىزمىتىدىن قوغلانغانلىقىنى بايان قىلىپ، بۇنىڭغا ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن.