خىتاي پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرىنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشى ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى
2013.05.21
ئامېرىكادىكى چېگراسىز ئاياللار ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى رۈي جېي خانىم، ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىدا بايانات بېرىپ، ئۆتكەن ھەپتە شەندۇڭ ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرىنىڭ توپلىشىپ ئادەم ئۇرۇش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى.
رۈي جېي خانىم سۆزىدە بۇ قىلمىشنىڭ قانۇندىن ھالقىغان زوراۋانلىق قىلمىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «بىز دۆلەت زوراۋانلىقىنى ئارقا تىرەك قىلىپ تۇرۇپ، پۇقرالارغا زەربە بېرىدىغان بۇ خىل قەبىھ قىلمىشنى ئەيىبلەيمىز. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئاتالمىش جىنايىتى پەقەت ئۇنىڭ بىردىن ئارتۇق پەرزەنت كۆرگەنلىكى ئىكەن. مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئادەم ئۇرۇشقا قاتناشقان پىلانلىق تۇغۇتنى چەكلەش خادىملىرىنى قانۇن بويىچە جازالىشى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ دوختۇر چىقىمى ۋە باشقا چىقىملىرىنى تۆلەپ بېرىشى كېرەك،» دېگەن.
ئامېرىكادىكى دىئالوگ فوندى تەشكىلاتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 15-ماي كۈنى خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسى لىڭجياڭ شەھىرىدىكى پىلانلىق تۇغۇتنى چەكلەش خادىملىرىدىن 20 دىن ئارتۇق كىشى، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلىپ 3 پەرزەنتلىك بولغان بىر دېھقاننى ئۇرۇپ ئۇنىڭ بېشىنى يېرىۋەتكەن، دېھقاننىڭ مېڭىسىگە قان چۈشۈپ ھاياتى خەۋپ ئاستىدا قالغان بولۇپ، بۇ ۋەقە بىر ھەپتىدىن بۇيان خىتاي تور بېكەتلىرىدە زور غۇلغۇلىغا سەۋەب بولغان.