ئۈرۈمچى پولات زاۋۇتىدا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يەنە يۈز بەرگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.05.20

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پولات زاۋۇتى ئاھالىلەر رايونى تەۋەلىكىدە تۈنۈگۈن يەنە بىر قېتىم خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بىر ئۇيغۇرغا توپلىشىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.

تەۋەلىكتىكى ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرىنىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، ھۇجۇمغا ئۇچرىغۇچى مەخمۇتجان قارىم ئىسىملىك كىشى بولۇپ، ئۇ يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا خىتاي يول ئىشچىلىرى ئۇنىڭغا قوپاللىق بىلەن ئالدىدىكى يولدا ماڭماسلىقنى بۇيرۇغان. مەخمۇتجان قارىمىنىڭ ئۇلارغا گەپ ياندۇرۇشى، خىتاي يول ئىشچىلىرىنىڭ توپلىشىپ ھۇجۇم قىلىشىغا سەۋەب بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە نۆۋەتتە مەخمۇتجان قارىم ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھەربىي دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوست-بۇرادەرلىرى بۈگۈن ئۇنى يوقلاپ دوختۇرخانىغا بارغىنىدا، دائىرىلەر ئۇلارنىڭ مەخمۇتجان قارىم بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويمىغان؛ بۇنىڭدىن مەخمۇتجان قارىمىنىڭ زەخمىسىنىڭ ئېغىر ۋە ئەھۋالىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.

ئۈرۈمچى پولات زاۋۇتىدا تېخى ئۆتكەن ئايدىلا ئېلى قۇددۇس ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر خىتاي شىركىتىنىڭ شايكىلىرى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئېغىر يارىلانغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.