مايك پومپېيو: «بالىلىرىڭىزنى تىك-توك ئارقىلىق خىتايغا تۇتۇپ بەرمەڭ!»

خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ۋىدىيو ھەمبەھىرلەش سۇپىسى بولغان «تىك-توك» (Douyin) يېقىنقى مەزگىللەردە ئىزچىل تەنقىدكە ۋە ئۇنى تەقىب قىلىش چۇقانلىرىغا دۇچ كەلمەكتە. 2-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكىنىڭ سابىق مىنىستىرى مايك پومپېيو (Mike Pompeo) ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر بېتىدە ئۇچۇر يوللاپ، ئامېرىكا تەۋەسىدىكى ئاتا-ئانىلارنى ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ «تىك-توك» ھېساۋاتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا چاقىردى.

مايك پومپېيو تىۋېتتېردا يوللىغان ئۇچۇرىدا مەزكۇر ئەپ ۋە ئۇنى ياسىغان شىركەتنى خىتاي كومپارتىيەسى كونترول قىلىۋاتقانلىقى، شۇ سەۋەبتىن تېلېفونلىرىغا بۇ ئەپنى ئورناتقۇچىنىڭ بارلىق خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرى ۋە سۈرەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چاڭگىلىغا چۈشىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خۇسۇسىي ئۇچۇرلارنى ھەرقاچان ئامېرىكا خەلقىگە قارشى ھەركەتلىرىگە ئىشلىتىدۇ،» دېگەن، شۇنداقلا ئاتا-ئانىلارنى بۇ ئەھۋالغا سەل قارىماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان.

«ۋاشىنگون پوچتىسى» گېزىىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا «فېدېراتسىيە ئالاقە ۋە ئۇچۇر كومىتېتى» (FCC) نىڭ خادىملىرىدىن برېندان كار (Brendan Carr) ئالدىنقى ھەپتە بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «مىليونلىغان تىك-توك قوللانغۇچىلىرىنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرى ئالىقاچان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىغا چۈشۈپ بولدى،» دېگەن. «ئالما» شىركىتىنىڭ مەسئۇلى تىم كۇك (Tim Cook) ۋە Google شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ساندار پىچاي (Sundar Pichai) غا مەكتۇپ يوللاپ، «تىك-توك» نىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى كونترول قىلىۋاتقان نازارەت مېخانىزىمىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ بۇنى تېزدىن ئۆزلىرىنىڭ ئەپ بازىرىدىن ئۆچۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلغان.

«تىك-توك» شىركىتىنىڭ بۇ خىلدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ھەمدەملىشىپ قوللانغۇچىلارنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى توپلاش قىلمىشى BBC ئاگېنتلىقىنىڭ 2021-يىلىدىكى ئاپرېلدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا تەپسىلىي بايان قىلىنغان ئىدى.