سابىق ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېو ئۆزىنىڭ 2024-يىلدىكى پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.07.18

2021-يىلى 1-ئايدا، ئامېرىكانىڭ سابىق ترامپ ھۆكۈمىتى ھوقۇقنى پرېزىدېنت بايدېنغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشتىن بىر كۈن ئاۋۋال، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان سابىق ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېو، ئامېرىكانىڭ 2024-يىلدىكى پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا نامزات بولۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئەگەر مايك پومپېو ھەقىقەتەن ئۆزىنى نامزاتلىققا كۆرسەتسە، ئۇ سابىق پرېزىدېنت ترامپ بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ پرېزىدېنت نامزاتلىقىنى تالىشىدىكەن.

بۇنىڭ ئالدىدا سابىق پرېزىدېنت ترامپ ئۆزىنىىڭ 2024-يىلدىكى سايلامدا جۇمھۇرىيەتچىلەردىن قايتا نامزات بولىدىغانلىقى ۋە سايلامدا ئۇتۇپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىن پومپېو ترامپنىڭ ئۆزىنى قايتا نامزاتلىققا كۆرسىتىشى، ئۇنىڭ پرېزىدېنتلىقنى تالىشىش قارارىغا تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەنگلىيە «تايمىز» گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مايك پومپېو ئەنگلىيەگە قىلغان يېقىنقى بىر زىيارىتىدە «تايمىز» گېزىتىگە ئۆزىنىڭ نامزاتلىققا تەييار ئىكەنلىكى، ترامپنىڭ 2024-يىلدىكى سايلامدا قايتا پرېزىدېنتلىقنى تالىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى، ئۇنىڭ پرېزىدېنتلىققا نامزات بولۇش قارارىغا تەسىر قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

58 ياشلىق مايك پومپېو خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ئېلىپ بېرىپ، مىليونلىغان كىشىنى لاگېر، تۈرمىلەرگە قامىغان، مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغان، ئائىلىلەرنى پارچىلىغان، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغماس قىلىپ، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاچقۇچلۇق بىر ۋاقىتتا ۋەزىپىگە ئۆتىگەن. ئۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن 2018-يىلدىن 2021-يىلغىچە بولغان 3 يىل جەريانىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئامېرىكا تاشقى سىياسىتى ۋە ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدىكى مۇھىم ئامىلغا ئايلانغان. ئۇ يەنە ب د ت دا ئۇيغۇرلار توغرىلىق يىغىن چاقىرغان، چەتئەللەر بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلىرىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن تۇنجى ئامېرىكا تاشقى مىنىستىرى بولغان. مەلۇم بولۇشىچە، مايك پومپېو ھەم ئامېرىكا مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ھەم تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن تۇنجى كىشى ئىكەن. پومپېو 2017-يىلدىن 2018-يىلغىچە مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.