مايك پومپېيو ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمنى قانداق ئاتاش مەسىلىسىدە مۇزاكىرە بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.09.24

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئامېرىكانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمنى نېمە دەپ ئاتاش مەسىلىسىدە جىددىي ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 23-سېنتەبىر كۈنى مايك پومپېيو مۇخبىرلارنىڭ «ۋاشىنگتون خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايوندىكى مۇسۇلمانلارغا تۇتقان ۋەھشىي مۇئامىلىسىگە ئېنىق بىر ئىسىم قويامدۇ-يوق؟» دېگەن سوئالىغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «بىز بۇ زۇلۇمنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن قانداق بىر ئاتالغۇ ئىشلىتىشنى، ئۇنى قانداق ئاتاشنى ئويلىشىۋاتىمىز. ئامېرىكا ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› ياكى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتكەندە. . . بىز ئىنتايىن تەمكىن بولۇشىمىز ۋە ئېنىق بولۇشىمىز كېرەك، چۈنكى بۇ ئاتالغۇلارنىڭ غايەت زور سالمىقى بار.»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ سالمىقى ۋە كۆلىمىگە ئائىت تەپسىلاتلار ئاشكارىلانغانسېرى بۇ زۇلۇمنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاش چاقىرىقلىرى كۈنسايىن كۈچەيمەكتە. يەنىمۇ كۆپ كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە باشقا دېموكراتىك ھۆكۈمەتلەرنى بۇ ھەقتە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە چاقىرماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.