خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى ئەلچىخانىسى مايك پومپېيونىڭ سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن
2022.10.05
خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستېرى مايك پومپېيونىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى ئاۋازىنى ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنغان.
مايك پومپېيو ئۆتكەن ئايدا خۇدسون ئىنستىتۇتى ئۇيۇشتۇرغان بىر سۆھبەتتە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 1 مىليارد 400 مىليون خىتاي پۇقراسىغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى سۆزلىگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى يېقىندا خودسۇن ئىنستىتۇتىغا خەت يېزىپ، مايك پومپېيونىڭ «خىتاي كومپارتىيەسىنى قارىلىغانلىقى» غا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
خىتاي ئەلچىخانىسى بۇ خېتىدە «خىتاي خەلقىنىڭ تارىختا خىتاي كومپارتىيەسىنى تاللىغانلىقىنى ۋە ئۇنى قەتئىي ھېمايە قىلىدىغانلىقىنى، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلىپ بارغان راي سىناشتا 90 پىرسەنت خىتاي پۇقراسىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىدىن رازى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
مايك پومپېيو بۇ خەتنى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە بېتىگە چىقارغان ۋە «خىتاي كومپارتىيەسى مېنى ھەق گەپ قىلىشتىن توسىماقچى بوپتۇ. ئۇلارنىڭ بۇ غەرىزى ئەمەلگە ئاشمايدۇ» دېگەن.
خۇدسون ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى جون ۋالتېر John Walter)) مۇ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ خېتىنى رەت قىلىپ يوللىغان تىۋېتىدا مۇنداق دېگەن: «ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي كومپارتىيەسى ئۆز پۇقرالىرىنى باستۇرىدىغان زالىمغا، ئەركىن دۇنيا ئىنسانلىرىنىڭ دۈشمىنىگە ئايلاندى. خىتاي پۇقرالىرى ۋە ئامېرىكا پۇقرالىرىمۇ بۇنى بىلىشى كېرەك».