مايك پومپېيو: «بىز بىرلىشىپ بارچە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىمىز!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-11-10
Share

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 10-نويابىر كۈنى «خىتاي كومپارتىيەسىدىن تارتىپ ئىراندىكى تېررورچى ھاكىمىيەتكىچە بولغان بارلىق ساھەدىن كېلىۋاتقان ھەرقانداق خىرىسنى يېڭەلەيمىز. بۇ ھۆر ئادەملەر قىلىدىغان ئىشلاردۇر» دەپ كۆرسەتتى. ئۇ بۇ سۆزلەرنى رونالد رېگان ئىنستىتۇتىنىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە مەركىزىدىكى نۇتقىدا ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزىدە سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى رونالد رېگاننىڭ «دۇنيادىكى ھېچقانداق بىر دۆلەت ئەركىنلىك ھەققىدە بىزچىلىك پىكىر يۈرگۈزگەن ئەمەس» دېگەن سۆزىنى نەقىل ئېلىش ئارقىلىق ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئەركىنلىككە بولغان تەلپۈنۈشىنىڭ بەكمۇ چوڭقۇر يىلتىزغا ئىگە ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى. شۇنىڭدەك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلار دۇچ كەلگەن ھەرقانداق خىرىس ۋە تەھدىتلەرنى بەربات قىلالايدىغانلىقىنى، جۈملىدىن نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك-تۈمەن مۈشكۈلات ۋە قىيىنچىلىقلارنىمۇ يېڭىپ كېتەلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «شۇنىسى ئېنىقكى، بىزنىڭ يېڭىشىمىز، ئۇلارنىڭ مەغلۇپ بولۇشى مۇقەررەردۇر» دەپ كۆرسەتتى.

مايك پومپېيو سۆزىدە ئامېرىكا ۋە دۇنيا جامائىتىگە خىتاب قىلىپ «بىز بىرلەشسەكلا بىز ھەرقانداق مەسىلىنى ھەل قىلىپ كېتەلەيمىز» دېگەننى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان تاشقى ئىشلار سىياسىتىنىڭ پارلاق ئىز قالدۇرۇپ كېتىشىگە بولغان ئىشەنچىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت