مايك پومپېيو: «تەيۋەن ئەزەلدىن تارتىپ خىتاينىڭ بىر قىسمى ئەمەس»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.11.13

ئامېرىكا تاشقى ئىشلا مىنىستىرى مايك پومپېيو، تەيۋەننىڭ ئەزەلدىن تارتىپ خىتاينىڭ بىر قىسمى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ تەكىتكىشىچە، سابىق رېگان ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ تەيۋەن سىياسىتىنى بېكىتكەندىمۇ بۇ نۇقتىنى ئېتىراپ قىلغان بولۇپ، ئۆتكەن 35 يىل مابەينىدا ئامېرىكانىڭ ھەر ئىككى پارتىيەدىن بولغان ھۆكۈمەتلىرى بۇ سىياسەتكە ئەمەل قىلىپ كەلگەنىكەن. مايك پومپېيو بۇ سۆزلەرنى 12-نويابىر كۈنى ئامېرىكادىكى بىر رادىئو ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا قىلغان. ئۇ «سۆزنى توغرا قىلىش ھەر ۋاقىت مۇھىم. تەيۋەن خىتاينىڭ بىر قىسمى ئەمەس» دېگەن.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇ ئىلگىرى مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغاندا ياكى ھازىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقاندىمۇ ئامېرىكانىڭ تەيۋەنگە ئېنىق ۋەدە بەرگەنلىكى، تەيۋەن خىتاينىڭ بىر پارچىسى ئەمەس، دېگەن بۇ ۋەدىسىدە داۋاملىق چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتىكەن. مايك پومپېيو ئامېرىكا-خىتاي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 1979-يىلدىن بېرى تەيۋەننىڭ خىتاينىڭ بىر قىسمى ئەمەسلىكىنى ئاشكارا ئېيتقان تۇنجى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىدۇر.

مايك پومپېيو بۇ سۆزلەرنى پرېزىدېنت ترامپ 12-نويابىر مەمۇرىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئامېرىكالىقلارنىڭ خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى بىلەن ئالاقىسى بار خىتاي شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشىنى چەكلىگەن كۈنى ئېيتقان. پرېزىدېنت ترامپنىڭ بۇيرۇقىدا ئامېرىكالىقلارنىڭ خۇاۋېي، خىتاي كۆچمە تېلېفون شىركىتى، خىتاي تېلېفون ئالاقە شىركىتى، خەيكاڭ تېخنولوگىيە شىركىتى، خىتاي تۆمۈريول قۇرۇلۇشى قاتارلىق 31 شىركەتكە مەبلەش سېلىشى چەكلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.