ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو كېلەر ئاينىڭ باشلىرىدا قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلىدۇ
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو كېلەر ئاينىڭ باشلىرىدا قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلىپ، تاشكەنت شەھىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 دۆلەت بىلەن «5 پىلۇس 1» يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.
-
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-01-27 -
-
-
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو كېلەر ئاينىڭ باشلىرىدا قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلىپ، تاشكەنت شەھىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 دۆلەت بىلەن «5 پىلۇس 1» يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.
پومپېيو ئەسلى 1-ئاينىڭ باشلىرىدا زىيارەت قىلىشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ زىيارىتى ئوتتۇرا-شەرق كرىزىسى سەۋەبلىك كېچىكتۈرۈلگەنىدى. ئۇنىڭ كېلەر ھەپتىدىكى سەپىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تەكىتلەيدىغان-تەكىتلىمەيدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىلگىرى مايك پومپېيونىڭ ئوتتۇر ئاسىيا زىيارىتىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك لاگېرلارغا قاماش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر دىپلوماتى ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئۆتكۈزگەن پومپېيونىڭ زىيارىتى ھەققىدىكى ئاخبارات يىغىنىدا؛ «بىز ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنيادىكى شېرىكلىرىمىز، ئىتتىپاقداشلىرىمىز ۋە بىز بىلەن پىكىرداش دۆلەتلەرگە داۋاملىق تەكىتلەيمىز. ئەلۋەتتە مەزكۇر مەسىلە بۇ زىيارەتتە كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ» دېگەنىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پومپېيو 29-يانۋاردىن 1-فېۋرالغىچە ئەنگلىيە، ئۇكرائىنىيە، بېلارۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئاندىن قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستانغا ئۆتىدىكەن. ئورتاگۇس خانىم ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، پومپېيونىڭ بېلارۇسىيە زىيارىتىدىن كېيىن قازاقىستان پايتەختى نۇرسۇلتانغا كېلىپ، پرېزىدېنت توقايېف، سابىق پرېزىدېنت نەزەربايېف، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تىلۇۋبەردىلەر بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى، ئۇلارغا ئامېرىكانىڭ تىنچ، گۈللەنگەن ۋە بىخەتەر مەركىزى ئاسىيا توغرىسىدىكى ئورتاق ۋەدىسىنى تەكرارلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئورتاگۇسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مايك پومپېيو 2-ۋە 3 -فېۋرال كۈنلىرى ئۆزبېكىستانغا كېلىپ، پرېزىدېنت مىرزىيائېف ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كامىلوف بىلەن كۆرۈشىدىكەن. ئۇ، پومپېيونىڭ ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەندە ئۆزبېكىستاننىڭ ئىسلاھاتى، ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغانلىقى، شۇنداقلا تاشكەنت شەھىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن «5 پىلۇس 1» يىغىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.