ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزىگە خىتاي ئېتىراز بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-09-03
Share

خىتاي، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىلغان سۆزىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن.

ئۆتكەن جۈمە كۈنى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو تىۋىتتىردا ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان زور كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتىنى داۋام قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، رايوندىكى مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش ھەرىكەتلىرى ھەققىدىمۇ ئىشەنچلىك دوكلاتلار مەۋجۇت. مەن بۇ يەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنى خەلقئارالىق قانۇنلارغا ۋە خىتاينىڭ ئۆز قانۇنلىرىغىمۇ خىلاپ بولغان بۇ بېسىم سىياسەتلىرىنى توختىتىشقا يەنە بىر قېتىم چاقىرىمەن» دېگەن.

3-سېنتەبىر سەيشەنبە كۈنى، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ تىۋىتتىر ئارقىلىق خىتاينى قارىلىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكا تەرەپكە رەسمىي ئېتىراز بىلدۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مايك پومپېيو يېقىندا، ئامېرىكانىڭ «ئابچ» تېلېۋىزىيە قانىلى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار ھەققىدە ئىشلەنگەن زور ھەجىملىك پروگراممىدا قىلغان سۆزىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يىغىۋېلىش لاگېرلىرى قۇرۇپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى مېڭە يۇيۇشقا دۇچار قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.