مايك پومپېيو: «خىتاينى شىنجاڭدىكى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-10-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 8‏-ئۆكتەبىر كۈنى تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى قوپال نازارەت سىستېمىسى ۋە باستۇرۇشىنى بىكار قىلىشقا، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشقا چاقىرغان.

مايك پومپېيو بۇ چاقىرىقىنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 8‏-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتىدە جاۋابكارلىقىم بار ياكى ئۇنىڭغا ھەمكارلاشقان كومپارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا ئېمبارگوسى قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان كۈنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ۋىزا ئىمبارگوسى ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايوندىكى 20 دەك يەرلىك ج خ ئىدارىسىغا ۋە ئۇلار بىلەن ھەمكارلاشقان 8 خىتاي تېخنىلوگىيە شىركىتىنى قارا تىزىملىككە ئالغانلىقىنى ئېلان قىلىپ ئارقىدىنلا ئېلان قىلىنغانىدى.

مايك پومپېيو تۋىتتېردىكى چاقىرىقىدا مۇنداق دېگەن: «خىتاي شىنجاڭدا بىر مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلماننى مەجبۇرى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنىڭ دىنى ۋە مەدەنىيىتىنى ۋەھشىيانە، سىستېمىلىق ھەرىكەت ئارقىلىق يوقاتماقتا. خىتاي ئۆزىنىڭ قوپال نازارەت سىستېمىسى ۋە باستۇرۇشىغا خاتىمە بېرىشى، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشى ۋە چەتئەلدىكى خىتايلىق مۇسۇلمانلارغا زورلۇق قىلىشنى توختىتىشى كېرەك.»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئېلان قىلغان قارارى خىتاينىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان.

شىنخۇئا ئاگېنتلىقى 9‏-ئۆكتەبىر ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ھەركىتىنى ئاقلىغان، ئامېرىكانىڭ ھەركىتىنى «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق» دەپ ئەيىبلىگەن. شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «شىنجاڭدا ئامېرىكا ئېيتقاندەك دىنىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس» ئىكەن «شىنجاڭنىڭ ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇققا قارشى قوللانغان تەدبىرى تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنىڭ مەنبەسىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان» ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت