ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مايك پومپېييونىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزلىرىنى تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-11-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 11‏-نويابىر كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ يېقىندا قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزلىرىنى تەنقىد قىلغان.

باياناتتا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ۋە لاگېر شاھىتلىرىنىڭ رايوندىكى ئائىلە ئەزالىرى ھېچقانداق پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىماي، نورمال ياشىماقتا ئىكەن. بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ تۇنجى قېتىم ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇشىدۇر.

مايك پومپېيو ئۆتكەن ھەپتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ۋە لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا پاراكەندىچىلىك سېلىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. مايك پومپېيو سۆزىدە ئامېرىكادىكى ياش ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن فېرقەت جاۋدەت، ئارافات ئەركىن، شۇنداقلا لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ كىشىلەرنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا پاراكەندىچىلىك سېلىپ كېلىۋاتقانلىقى، زۇمرەت داۋۇتنىڭ دادىسىنىڭ بۇ خىل پاراكەندىچىلىكنىڭ قۇربانىغا ئايلانغانلىقى، ئۇنىڭ يېقىندا ۋاپات بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئىدى. لېكىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت باياناتىدا ئارافات ئەركىن بىلەن فېرقەت جاۋدەتنىڭ ئانىسىنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقى، زۇمرەت داۋۇتنىڭ دادىسىنىڭ پاراكەندىچىلىككە ئۇچراپ، ۋاپات بولغانلىقىنى رەت قىلغان. ئەمما ئارافات ئەركىننىڭ دادىسىنىڭ قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. باياناتتا ئەركىن تۇرسۇننىڭ «زوراۋان تېررورلۇق ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقى سەۋەبلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئىلى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رېژىسسورى، تونۇلغان مەدەنىيەت پائالىيەتچىسى ئەركىن تۇرسۇن 2018‏-يىلى 3‏-ئايدا تۇتقۇن قىلىنىپ، دەرھال كېسىۋېتىلگەن ئىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتىدا مايك پومپېيو «دىنىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق قالپىقىنى كىيىۋېلىپ، شىنجاڭغا قارا چاپلاش، ھەقىقىي ئەھۋال بۇرمىلانغان ئاساسسىز سۆزلەرنى قىلىش» بىلەن ئەيىبلەنگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ 3 مىليوندەك ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قامىغانلىقىنى رەت قىلىپ، كىشىلەرگە قارىتا رادىكاللىققا قارشى «كەسپىي تەربىيە‏» ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كەلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت