«پۇل ھەپتىلىكى» ژۇرنىلى: ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدا سودا ئۇرۇشى ئەمدى باغلانغان بولۇشى مۇمكىن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-05-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاق ساراي، ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسىگە قاراپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىش-ئۇچراشماسلىقىنى قارار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ 3‏-ماي كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا‏-خىتاي سودا ۋەكىللىرى كېلەر ھەپتە ۋاشىنگتوندا ئۇچرىشىپ، ئاخىرقى قېتىملىق سودا سۆھبىتى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، پرېزىدېنت ترامپ بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇچرىشىش-ئۇچراشماسلىقنى، ئۇچراشسا قاچان ئۇچرىشىشنى قارار قىلىدىكەن. ئامېرىكا خىتاي سودا سۆھبىتى چارشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

ئاق ساراينىڭ باياناتچىسى ساندېرس 2‏-ئاپرېل سودا سۆھبىتىنىڭ ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەنلىكى، ئامېرىكا تەرەپنىڭ «ئىككى دۆلەت رەھبىرى ئۇچرىشىشى مۇمكىن»، دەپ قارايدىغانلىقى، ئەمما بۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىش-ئاشماسلىقى، قاچان كۆرۈشۈشى كېلەر ھەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتتىن كېيىن بېكىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا خىتاي بازىرىغا كىرىشتا خىتاي تەرەپ بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپتىنمۇ چوڭ ئىمكانىيەتكە ئېرىشكەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. لېكىن بەزى ئانالىزچىلار ئامېرىكا-خىتاي سودا كېلىشىمى ئىمزالىغان تەقدىردىمۇ سودا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلاشمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئامېرىكادىكى «پۇل ھەپتىلىكى» تور ژۇرنىلىدا 3‏-ماي كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشىنىڭ ئەمدى باشلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، قىسقا مۇددەتتە ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى سىياسىي ۋەزىيىتى سەۋەبلىك كېلىشىم ھاسىل قىلىش تەرەپدارى بولسىمۇ، لېكىن كېلىشىم ئۇزۇن مۇددەتكىچە جىددىيلىكنى پەسەيتمەيدىكەن. ماقالىدە، مەيلى كېلىشىم ھاسىل قىلىنسۇن ياكى قىلىنمىسۇن، سودىدىكى جىددىيلىكنى نۇرغۇن ئامىللارنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى، بۇ ئامىللارنىڭ بىر كېلىشىم بىلەنلا ھەل بولمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ماقالىدە تەكىتلىنىشىچە، ئامېرىكانىڭ نەزىرىدە خىتاي ئۇزۇندىن بېرى سودىدا ئادالەتسىزلىك قىلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ترامپنىڭ پرېزىدېنتلىققا سايلىنىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن. ماقالىدە، ئەقلىي مۈلك ھوقۇقىدەك مۇرەككەپ مەسىلىلەرنىڭ ھەرقانداق بىر كېلىشىم بىلەن ھەل بولۇپ كەتمەيدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، «ئۇزۇن مۇددەتتە جىددىيلىك قايتا ئۆتكۈرلەشسە ھەيران قالماسلىق كېرەك» دېيىلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت