خىتاينىڭ يەر ئاستى بانكىلىرى توردا پۇل يۇيۇش بىلەن شۇغۇللانماقتىكەن

خىتايدىكى بەزى يەر ئاستى بانكىلار پۇل يۇيۇش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار دۆلەت ھالقىغان جىنايەت گۇرۇھلىرىنىڭ ئەڭ باشتا تاللايدىغان پۇل-مۇئامىلە دوكارى بولۇپ قالغان.

«ئىقتىسادشۇناس» تورىنىڭ 22-ئاپرېل بەرگەن خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن بېيجىڭ ۋە شاڭخەيدە ئېلىپ بارىدىغان 3 كۈنلۈك زىيارىتى داۋامىدا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن رۇسىيەگە ھەربىي قورال ۋە خام ئەشيا تەمىنلەشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، پۇل يۇيۇش قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ يەر ئاستى ئىنتېرنېت ئالاقىسى ۋە يېڭى تور تېخنىكىسىنىڭ ياردىمى بىلەن پۇل يۇيۇش قىلمىشلىرى ئېغىرلاشقان بولۇپ، پۇل يۇيۇش مەشغۇلاتىنى بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدىلا تاماملايدىغان ھالەت شەكىللەنگەن. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خەلقئارا جىنايەت گۇرۇھلىرى بۇ ئىمكانىيەتتىن پايدىلىنىپ كەلگەن؛ شۇنداق قىلىپ، خىتاينىڭ يەر ئاستى بانكىلىرى ئۇلارنى پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتى تەمىنلەيدىغان ئەڭ چوڭ بانكېرلار بولۇپ قالغان. ئۇلارنى باستۇرۇش ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ دۆلەت دەرىجىلىك سۆھبىتىدىكى مۇھىم تېمىلاردىن بىرىگە ئايلانغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 2023-يىلدىن 11-ئايدىن 12-ئايغىچە ئامېرىكادا فېنتانىل بىلەن ئۆلگەن ئادەم 105 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، مېكسىكادىن كىرىدىغان بۇ زەھەرنىڭ سودىسى خەلقئارا جىنايەت گۇرۇھلىرىنىڭ قولىدا ئىكەن، ھالبۇكى، خىتاينىڭ يەر ئاستى بانكىلىرى بۇ ئىشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىماقتا ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاسىيا جىنايەت گۇرۇھى، بولۇپمۇ خىتاي جىنايەت گۇرۇھى ياۋروپاغىمۇ تەھدىت شەكىللەندۈرگەن، ئۇلارنىڭ جىنايىتى قىماردىن تارتىپ زەھەر سودىسى ۋە بىتكويىنغىچە چېتىلىدىكەن.