خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى كوماندىلىرى «قەشقەر لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن

خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە قارىتا «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ئاكتىپ قانات يايدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە تەنتەربىيە-مەدەنىيەت جەھەتلەردىنمۇ بۇ ئۆزئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى كوماندىلىرى بىلەن «قەشقەر لوڭقىسى» ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن

بۇ رۇسىيە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا پېتىپ قالغان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئىقتىسادىي، سىياسىي تەسىرىنى كېڭەيتىپلا قالماي، بەلكى تەنتەربىيە-مەدەنىيەت جەھەتتىنمۇ ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارالماقتا. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 جۇمھۇرىيەتنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇ17 ياش-ئۆسمۈرلەر «قەشقەر لوڭقىسى» چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى خىتاينىڭ ساھىبخانىلىقىدا 28-ئاپرېلدىن 2-مايغىچە قەشقەر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن.

خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە، 2-ماي كۈنى ئۆزبېكىستان ئادىل ئەخمەدوف ياش ئۆسمۈرلەر كوماندىسىنىڭ خىتاينىڭ شاڭخەي شېنخۇا كوماندىسى بىلەن چېمپىيونلۇقنى تالاشقانلىقى، ئۆزبېكىستان ياش-ئۆسمۈرلەر كوماندىسىنىڭ شاڭخەي شېنخۇا كوماندىسىنى نۆلگە قارشى بىر نەتىجە بىلەن يېڭىپ، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.

«قەشقەر لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ غەرب دۆلەتلىرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى جاۋابكارلىققا تارتىش چۇقانلىرى كۈچىيىۋاتقان، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى رەت قىلىپ، بۇنىڭغا قارشى كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات ھەرىكىتى ۋە دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە تەسىس قىلىنىشى، دىققەت قوزغىماقتا.

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ17 ياش-ئۆسمۈرلەر «قەشقەر لوڭقىسى» نى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان كوماندىلىرى قاتناشقان. خەۋەردە، خىتاي تەرەپتىن شاڭخەي شېنخۇا كوماندىسى، گۇاڭدۇڭ پۇتبول بىرلەشمىسى كوماندىسى ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك ياش ئۆسمۈرلەر كوماندىسىنىڭ قاتناشقانلىقى، قەشقەر ياش-ئۆسمۈرلەر كوماندىسىدىن ئەزىمەت ئەركىننىڭ بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە «ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن ماھىر» بولۇپ باھالانغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.