رۇسىيەدە پۇتىننىڭ قايتا پرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2018.01.28

يەكشەنبە كۈنى رۇسىيەنىڭ موسكۋا ۋە سانكىتپېتېربۇرگ قاتارلىق چوڭ-كىچىك شەھەرلىرىدە پرېزىدېنت سايلىمىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى يۈز بەرگەن.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆكتىچى ئالېكسېي ناۋالنىينىڭ چاقىرىقى بويىچە تەشكىللەنگەن «سايلىغۇچىلار ئىش تاشلىشى» دەپ ئاتالغان موسكۋا ۋە سانكىتپېتېربۇرگدىكى نامايىشلارنىڭ كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، موسكۋا شەھىرىدىكى نامايىشتا نامايىشچىلار ئاساسلىقى تۋېرسكىي كوچىسى ناملىق چوڭ كوچىدا ماڭغان، ئۆكتىچىلەر رەھبىرى ئالېكسېي ناۋالنىي بۇ يەرگىچە نامايىشچىلار بىلەن بىرگە بولغاندىن كېيىن ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.

سانكىتپېتېربۇرگدىكى نامايىشقىمۇ ئىككى مىڭ ئەتراپىدا ئادەم قاتناشقان بولۇپ، ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، بۇ قېتىمقى موسكۋا ۋە سانكىتپېتېربۇرگدىكى نامايىشتا ساقچىلار نامايىشچىلارغا قارىتا ئىلگىرىكىدەك قوپاللىق قىلمىغان، يەنى كەڭ دائىرىدە تۇتقۇن قىلمىغان. ئەمما نامايىش رۇسىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 118 چوڭ-كىچىك شەھەردە يۈزبەرگەن بولۇپ، ئاساسلىقى رۇسىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىدىكى نامايىشتا تۇتقۇن قىلىش ئېغىر بولۇپ، جەمئىي 250 ئادەم تۇتۇلغان. رۇسىيەنىڭ تۈركىي چۇۋاش جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى چېبوكسار بىلەن تۈركىي خەلق - باشقۇرتلارنىڭ باشقۇرتىستان جۇمھۇرىيىتى پايتەختى ئۇفا شەھىرىدىكى نامايىشتا كۆپرەك ئادەم تۇتقۇن قىلىنغان.

نامايىشنىڭ تۈپ مەقسىتى پۇتىننىڭ پرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىشىغا قارشى تۇرۇش بولۇپ، نامايىشچىلار ئۆكتىچى رەھبەر ئالېكسېي ناۋالنىينىڭ ھازىرقى پرېزىدېنت پۇتىننىڭ بۇ يىل 3-ئايدا يەنە پرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىشىغا قارشى تۇرۇش ئىدىيىسىنى قوللاش يۈزىسىدىن بۇ نامايىشقا قاتناشقان. ناۋالنىي قاتارلىق ئۆكتىچىلەر رۇسىيەدىكى ئەمەلدارلار قاتلىمىدىكى چىرىكلىككە قارشى پائالىيەت قىلماقتا.

رۇسىيەدە بۇ يىل 3-ئاينىڭ 18-كۈنى پرېزىدېنت سايلىمى بولىدىغان بولۇپ، پۇتىننىڭ نامزاتلىقى كۆرسىتىلگەن ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۇنى رۇسىيەنىڭ قەددىنى كۆتۈرگەن، ئۇكرائىنا، سۈرىيە مەسىلىلىرىدە رۇسىيەنىڭ مىللىي مەنپەئەتىنى قوغدىغان دەپ مەدھىيەلىسە، ئۆكتىچىلەر ئۇنى مۇستەبىتلىك قىلمىشى بىلەن، يەنى ئۆكتىچى، دېموكراتىك پىكىرلەرگە زەربە بېرىش قىلمىشى بىلەن ئەيىبلىمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.