خىتاي دائىرىلىرى «قانۇنسىز ئۇچۇر تارقىتىش» قا چېتىشلىق 13 ئادەمنى جازالىغان
2019.08.07
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈرۈمچى، غۇلجا، بورتالا، ئاقسۇ ۋە قەشقەر قاتارلىق جايلىرىدا «قانۇنسىز ئۇچۇر تارقىتىش» قا ئالاقىدار سەككىز تىپىك دېلو ۋە ئۇنىڭغا چېتىشلىق 13 ئادەمنى جازالىغان.
«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 7-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يۇقىرىقى كىشىلەر «ئىنتېرنېت ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا دىنىي ئاشقۇنلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە ساختا ئۇچۇر قاتارلىق مەزمۇنلاردىكى يېزىق، رەسىم، سىن كۆرۈنۈشلىرىنى تارقىتىپ ۋە ساقلىغانلىقى» ھەمدە خىتاينىڭ «جىنايى ئىشلار قانۇنى»، «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»، «ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرى بويىچە باشقۇرۇش ۋە جازالاش قانۇنى» ۋە «ئىنتېرنېت ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى» قاتارلىق قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغانلىقى بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىكەن.
مەزكۇر خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ قېتىم «قانۇنسىز ئۇچۇر تارقىتىش» بىلەن جازالانغان 13 كىشىنىڭ ئۈچ نەپىرى ئۇيغۇر، 10 نەپىرى خىتاي ئىكەن. بۇلارنىڭ ئىككى نەپىرى «مىللەتلەر ئارا ئۆچمەنلىككە كۈشكۈرتۈش»، «دىنىي ئاشقۇنلۇققا مۇناسىۋەتلىك بۇيۇملارنى تارقىتىش» دېگەن نامدا جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، يەنە بىرىگە تەنقىدىي تەربىيە جازاسى بېرىلگەن.
جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان بۇ ئىككى ئۇيغۇر غۇلجىدىن بولۇپ، بىرى 19 ياش يەنە بىرى 35 ياش ئىكەن. خەۋەردە ئۇلارنىڭ بۇ يىل 22-ئاپرېل ۋە 11-ماي كۈنلىرى ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا «مىللەتلەر ئارا ئۆچمەنلىككە كۈشكۈرتۈش» كە دائىر سۆز-جۈملىلەرنى قىلىش ۋە «ئاشقۇن ئىدىيەنى تەشۋىق قىلىدىغان سۈرەتلىك ئۇچۇرلارنى تارقىتىش» بىلەن ئەيىبلەنگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى ئىنتېرنېتتا «قانۇنسىز ئۇچۇر تارقاتقان» دېگەن نامدا جازالىغان بولۇپ، بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا «قانۇنسىز ئۇچۇر تارقىتىش» بىلەن جازالانغانلىقىنى ئېلان قىلغان 22-تۈركۈمدىكى تىپىك دېلو ئىكەن.