ئۇيغۇر ئېلىدە 14 كىشى قانۇنسىز ئۇچۇر تارقاتقان، دەپ تۇتقۇن قىلىنغان

خىتاي دائىرىلىرى سەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدە قانۇنسىز ئۇچۇر تارقاتقان، دەپ بىر تەرەپ قىلىنغان تىپىك 10 دېلونى ئېلان قىلدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل 10 ۋە 11‏-ئايلاردا بىر تەرەپ قىلىنغان بۇ 10 دېلودا 14 كىشى تۇتقۇن قىلىنغان.

خەۋەردە، تۇتقۇنلارنىڭ تېررورلۇق، دىنىي ئاشقۇنلۇق، بۆلگۈنچىلىككە دائىر يازما، سىن، رەسىم ۋە يالغان ئۇچۇرلارنى ساقلاپ ۋە تارقىتىپ، خىتاينىڭ جىنايى ئىشلار، تېررورلۇق، تور ۋە ئۇچۇر باشقۇرۇش قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن. لېكىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا يەرلىك خەلقلەرنىڭ نورمال دىنىي -ئېتىقادى، ئەنئەنىسى، تارىخىي ۋە مەدەنىيىتىدىكى ئالاھىدىلىك تەرغىب قىلىنغان ھەرقانداق رەسىم، سىن يازما ئاشقۇنلۇق، بۆلگۈنچىلىك ياكى ئىككى يۈزلىمىچىلىك، دەپ قارىلىپ جازالانماقتىكەن.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ سەيشەنبە كۈنى تارتقان خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خوتەن، ئاقسۇ، شىخەنزە، چۆچەك، ئۈرۈمچى، تۇرپان، قۇمۇل قاتارلىق جايلاردا تۇتقۇن قىلىنغان يۇقىرىقى 14 كىشىنىڭ 6 نەپىرى ئۇيغۇر، 5 نەپىرى قازاق، 3 نەپىرى خىتاي بولۇپ، ئۇلاردىن 5 ئۇيغۇر، 4 قازاق رەسمىي قولغا ئېلىنغان، قالغان 3 نەپەر خىتاي، بىر ئۇيغۇر ۋەبىر قازاق تۇتقۇنغا مەمۇرىي تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىلگەن.

رەسمىي قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ 2 سى خوتەنلىك، 2 سى ئاقسۇلۇق، بىرى ئۈرۈمچىلىك، قازاقلارنىڭ بىرى ئالتايلىق، 2 سى سانجىلىق بىرى قۇمۇللۇق ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتنا ھەرىكەتلىرىنى ئاشقۇنلۇققا قارشى زۆرۈر تەدبىرلەر، دەپ كۆرسىتىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ ئاشقۇنلۇقنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سۆز، پىكىر ۋە نورمال ياشاش ئەركىنلىكىنى قاتتىق بوغۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.