بايىنغولىن ئوبلاستى ئاتالمىش «قارا گۇرۇھلار» ۋە «رەزىل كۈچلەر» گە قارشى ئومۇمىي يۈزلۈك تازىلاش ھەرىكىتى قوزغىغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-03-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بايىنغولىن ئوبلاستى يېقىندا ئاتالمىش «قارا گۇرۇھلار» ۋە «رەزىل كۈچلەر» گە قارشى ئومۇمىي يۈزلۈك تازىلاش ھەرىكىتى قوزغىغان.

بايىنغولىن ئوبلاستى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا مەزكۇر ھەرىكەتنى خەلقنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ۋە دائىرىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ «قارا گۇرۇھ» ۋە «رەزىل كۈچلەر» گە ئائىت يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇقتۇرۇشتا ئۇچۇر بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 100 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

ئۇقتۇرۇشتا 13 پارچە كارتون رەسىمى ئارقىلىق قانداق ئىش-ھەرىكەتلەر ۋە كىشىلەرنىڭ «جىنايى رەزىل كۈچلەرنىڭ ھەرىكىتى» كاتېگورىيەسىگە كىرىدىغانلىقى شەرھلەنگەن بولۇپ، بۇلار: «مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەشكىلاتلار ۋە جامائەتلەر، ئاساسى قاتلامغا سۇقۇنۇپ كىرىپ، ئۇنى مونوپول قىلىۋالغانلار، يۇرتداشلىق، تۇغقانچىلىق، دىنداشلىق رىشتىسى بويىچە گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرغانلار، يەر تەقسىماتى، يەر ئىجارىگە بېرىش، ئۆي چېقىش ۋە قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە قۇتراتقۇلۇق قىلغانلار، بۆلگۈنچى، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنى قانات ئاستىغا ئالغان ‹ئىككى يۈزلىمىچى كادىرلار›، چەتئەلدىكى ‹قارا گۇرۇھ ۋە رەزىل كۈچلەر› بىلەن ئالاقىسى بارلار، باشقىلارنى ئەرز قىلىشقا قۇتراتقانلار، قانۇنسىز پۇل توپلىغانلار، تور ئارقىلىق باشقىلارغا تۆھمەت ۋە تەھدىت قىلغانلار» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇقتۇرۇشتا بۇ ھەرىكەتنىڭ «قارا گۇرۇھلار» ۋە «رەزىل كۈچلەر» گە قارىتىلغانلىقى تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىكى ئاساسلىق تازىلاش نىشانىنىڭ يەنىلا ئۇيغۇرلار ئىكەن.

ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى 2 مىليوندەك گۇناھسىز ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقىلارنى يىغىۋېلىش لاگېرى ۋە تۈرمىلەردە تۇتۇپ تۇرغاندىن سىرت، لاگېر سىرتىدا قېلىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىمۇ مانا مۇشۇ خىل ئۇسۇللار بىلەن جازالاپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر رايونىنى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

بۇ 2-ئايدا يېڭىسار ناھىيەسىمۇ يۇقىرىدىكى «قارا گۇرۇھلار» ۋە «رەزىل كۈچلەر» گە قارشى ئومۇمىي يۈزلۈك تازىلاش ھەرىكىتى قوزغاش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت