قارا قۇرۇمدىكى ئاراتاش سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىدا كۇسراپ يېزىسىنىڭ ئۆزىدىنلا مىڭ ئائىلە كۆچۈرۈلۈپ ئىشلەمچىگە ئايلاندۇرۇلغان

2011-يىلىدىن باشلاپ يەكەن دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى قارا قۇرۇم تاغلىرىدا ياسالغان «ئاراتاش سۇ ئامبىرى» قۇرۇلۇشىدا، ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى كۇسراپ يېزىسىنىڭ ئۆزىدىنلا مىڭ ئائىلىلىك، يەنى تۆت مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قىرغىز، تاجىك دېھقان-چارۋىچى، پوسكام ناھىيەسىدە قۇرۇلغان «توڭئەن يېزىسى» غا كۆچۈرۈلگەن. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەسىرلەردىن بېرى مۇستەقىل دېھقان-چارۋىچىلىق كەسپىي بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن كۇسراپلىقلار، نۆۋەتتە «توڭئەن يېزىسى» دا خىتاي يېزا ئىگىلىك فىرمىلىرىنىڭ كونتروللۇقىدىكى 121 مىڭ مودىن ئارتۇق دېھقانچىلىق ۋ باغۋەنچىلىك مەيدانلىرىدا ئىشلەمچىلىك قىلماقتىكەن. خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتى 31-ئۆكتەبىر بەرگەن بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، «ئاراتاش سۇ ئامبىرى» قۇرۇلۇشى سەۋەبلىك 2018-يىلى كۇسراپ يېزىسىدىن مىڭ ئائىلىلىك 4243 كىشىنىڭ كۆچۈرۈلگەنلىكى ۋە بۇنىڭ قارا قۇرۇملۇق بۇ خەلقلەرنىڭ ھاياتىدا «ئىشەنگۈسىز دەرىجىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكى» بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «شىنجاڭدىكى ئۈچ توسما قۇرۇلۇشى» نىڭ بىرى دەپ ئاتالغان «ئاراتاش سۇ ئامبىرى» قۇرۇلۇشى 1289 كىلومېتىرلىق يەكەن دەرياسىنىڭ سۈيىنى كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان خىتاينىڭ دۆلەت دەرىجىلىك مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تۈرلىرىنىڭ بىرى. خىتاي تارتقۇلىرى بىر يېرىم مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىنغان، ئىككى مىليارد ئىككى يۈز مىليون كۈپ مېتىر سۇ سىغىمچانلىقىغا ئىگە «ئاراتاش سۇ ئامبىرى» نىڭ كەلكۈننى كونترول قىلىش، تېرىقچىلىق ۋە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەشتە ھالقىلىق رول ئويناپ، «قۇملۇقتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئۈمىد ئېلىپ كەلگەنلىكى» نى قەيت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا سەلبىي تەسىر يەتكۈزۈشى ۋە يەكەن دەرياسى ھاۋزىسىدىكى ئەسىرلەردىن بېرى بۇ دەرياغا تايىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلگەن مىليونلىغان ئۇيغۇر ئائىلە دېھقانچىلىقىنى بوغۇپ تاشلىشىدىن ئەندىشە قىلىنغانىدى. لېكىن، «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىش توسما قۇرۇلۇشىدىن ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كۆچۈرۈشكە كېڭەيگەن» .

خىتاينىڭ 2018-يىلى 8-ئايدا، «ئاراتاش سۇ ئامبىرى» قۇرۇلۇشى سەۋەبىدىن كۇسراپ ئاھالىسىنى كۆچۈرۈشى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، لاگېر، تۈرمىلەرگە قامىشى ئەۋجىگە چىققان بىر پەيتتە ئېلىپ بېرىلغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، يەكەن دەرياسى ھاۋزىسىدا 6 مىليون 500 مىڭ مو تېرىلغۇ يەر بار بولۇپ، 4 مىليون ئاھالە ياشايدىكەن.