ئۇيغۇرلارنى خورلاشقا چېتىلغان «قارا تىزىملىك» تىكى خىتاي شىركەتلىرى ئامېرىكا بازىرىغا ۋاسىتىلىك كىرمەكتىكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.05.29

ئامېرىكادىكى خەلقئارا تەكشۈرۈش ئاخباراتچىلار بىرلەشمىسى ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ «قارا تىزىملىكى» گە ئېلىنغان ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا ۋاسىتىلىك كىرىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا ئۇيغۇر رايونىدىكى 20 دەك خىتاي دۆلەت ئاپپاراتى ۋە خەيكاڭ، داخۇا قاتارلىق 8 خىتاي شىركىتىنى «قارا تىزىملىك» كە ئالغان ئىدى. ئۆتكەن ھەپتە يەنە 8 خىتاي شىركىتى بىلەن بىر خىتاي دۆلەت ئاپپاراتى بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن ئىدى.

لېكىن خەلقئارا تەكشۈرۈش ئاخباراتچىلار بىرلەشمىسىنىڭ 28-ماي ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، «قارا تىزىملىك» تىكى بەزى شىركەتلەر چەكلىمىنى بۇزۇپ تاشلاپ، داۋاملىق ئامېرىكا بازىرىغا كىرمەكتە ئىكەن. مەزكۇر دوكلاتتا خىتاينىڭ خەيكاڭ ۋە داخۇا شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ھازىرمۇ ئامازوندا سېتىلىۋاتقانلىقى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يولغا قويغان چەكلەش تەدبىرلىرىنىڭ دېگەندەك ئۈنۈملۈك بولمايۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خەلقئارا تەكشۈرۈش ئاخباراتچىلار بىرلەشمىسىنىڭ تەكىتلىشىچە، «قارا تىزىملىك» تىكى بەزى شىركەتلەر بۇنىڭدا ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكادىكى تارماق شىركەتلىرىنى ئىشقا سالماقتا ئىكەن.

دوكلاتتا يەنە ئامازون ۋە مىكروسوفت شىركەتلىرىنىڭ تېخى يېقىندىلا «قارا تىزىملىك» تىكى بەزى خىتاي شىركەتلىرىنى ھالقىلىق تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكالىق ئۇيغۇرشۇناس دەررىن بايلېر ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ تىزىملىكىدە 3-تەرەپنىڭ ئېنىق تەرىپلەنمىگەنلىكى، بۇنىڭ «قارا تىزىملىك» تىكى شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكا تور بازىرىدا سېتىشىغا يول ئېچىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.