قاراماي بىلەن چۆچەك ئارىسىدىكى تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ شىمالىدا پىلانلىغان ھەر قايسى رايونلارنى تۆمۈر يول لىنىيەلىرى بىلەن تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم قىسمى ھېسابلىنىدىغان قارىماي - چۆچەك تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل 8 - ئايدا مەزكۇر تۆمۈر يولنىڭ ئىككىنچى بۆلۈكىدىكى قۇرۇلۇش باشلىنىدىكەن.

«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدىكى ئۇچۇرلارغا تايانغاندا، قارىماي بىلەن چۆچەكنى تۇتاشتۇرۇش تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشىغا بەش مىليارد 200 مىليون سوم مەبلەغ ئاجرىتىلغان بولۇپ، بۇ تۆمۈر يولنى تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى 9 - دىۋىزىيەسى بىرلىكتە ئېلىپ بارىدۇ.

قاراماي بىلەن چۆچەك ئارىسىدىكى تۆمۈر يولنىڭ ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى 308 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، بۇ يول قارىماي، چۆچەك، دۆربىلجىن، تولى ناھىيە بازارلىرى ۋە ئەتراپتىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ ئورۇنلىرىنى تۇتاشتۇرىدىكەن. قازاقىستان بىلەن ئۇيغۇر رايونى ئارىسىدىكى باقتۇ ئېغىزى ئاخىرقى بېكەت قىلىنىدىكەن.

مەزكۇر تۆمۈر يول ئارقىلىق ئالتاي، بۆرتالا، چۆچەك ۋە بىڭتۇەن دىۋىزىيەلىرىنى كۆمۈر بىلەن تەمىنلەش ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنى توشۇش - يەتكۈزۈش ئىشلىرىدا زور قۇلايلىق يارىتىلىدىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە 8 - ئايدا بۆرتالا ئوبلاستىدىمۇ تارماق تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى باشلىنىدىكەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، قاراماي بىلەن چۆچەك ئارىسىدىكى تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن باقتۇ ئېغىزى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن قازاقىستاننىڭ شىمالى رايونلىرى ۋە رۇسىيەنىڭ سىبىرىيە رايونى ئارىسىدىكى قاتناش ئالاقىسى تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن ئىكەن.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org