خىتاي دائىرىلىرى قارامايدا «يىپەك يولى» خەلقئارالىق ئىلىم-پەن بايرىمى ئۆتكۈزىدىكەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016.07.13

خىتاي دائىرىلىرى «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يىپەك يولىدىكى مەركىزىي رايونلۇق ئورنىنى ئىلگىرى سۈرۈش» ئۈچۈن، قاراماي شەھىرىدە «يىپەك يولى» تېمىسىدا بىر خەلقئارالىق ئىلىم-پەن بايرىمى ئۆتكۈزىدىكەن.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بايرام 22- ئىيۇل باشلىنىپ، 5 كۈن داۋام قىلىدىكەن. بايرامغا قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، ئۇكرائىنا ۋە خىتاي قاتارلىق بەش دۆلەتتىن كەلگەن ئاكادېمىك، پروفېسسورلاردىن باشقا، خىتايدىكى 15 ئۆلكە-شەھەر ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 2 مىڭدەك ئادەم قاتنىشىدىكەن.

بايرامنى قاراماي شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن. ئۇلار 12- ئىيۇل چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مەزكۇر بايرامنىڭ ئاتالمىش «بىر يول، بىر بەلۋاغ» ئىستراتېگىيەسىنى چۆرىدىگەن ئاساستا يىپەك يولى ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنىڭ پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، ئىلمىي ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن باشقا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يىپەك يولىدىكى يادرو رايونلۇق ئورنى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىمۇ مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاتالمىش «بىر يول بىر بەلۋاغ» ئىستراتېگىيەسى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ تەرىپىدىن 2013- يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇنىڭدا «دېڭىزدا يېڭى يىپەك يولى ئېچىش» قاراشلىرىمۇ ئورۇن ئالغان.

خىتاي شۇندىن كېيىن مەزكۇر ئىستراتېگىيە بويىچە، ياۋروپاغا تۇتىشىدىغان يۇقىرى سۈرەتلىك پويىز لىنىيەسىدىن باشقا، قەشقەرنى پاكىستاننىڭ گۋادار پورتىغا تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈريول لىنىيەسى قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى ئىلىم-پەن بايرىمىنى نېمە ئۈچۈن قاراماي شەھىرىگە ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ۋە بايرامدا ئۇيغۇرلارغا قانچىلىك ئورۇن بېرىلگەنلىكى ھازىرچە نامەلۇم.

ئىلگىرى بۇ خىلىدىكى بايرام-كۆرەكلەردە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ قاتتىق كۈچەيتىلىدىغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.