ئۇيغۇر رايونىدىكى ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ يىلقى قۇربان ھېيتى ۋە خىتاي مىللىتىنىڭ تاۋۇز چاغىنىنىڭ بىرگە كەلگەنلىكىنى، رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىككى بايرامنى خۇشال ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو ۋە ئاپتونوم رايون رەئىسى شۆھرەت زاكىر قاتارلىقلارنىڭ قۇربان ھېيتى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىنى يوقلاپ، ئۇلارنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلىگەنلىكى، مىللەت كىشىلىرىنىڭ بايرام كەيپىياتى مەتبۇئاتلاردىكى مۇھىم تېما بولماقتا.
ئەمما، ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھېيت مەزگىلىدە ھەر قايسى جايلاردىكى خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان بولۇپ، بولۇپمۇ ھېيتلىق جامائەت نامىزى ۋاقتىدىكى نازارەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە بولغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
نۇر تورىنىڭ نىڭ سۈرەتلىك خەۋىرىدە 12-سېنتەبىر كۈنى قاراقاش ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ۋە پارتكومنىڭ مەخسۇس قۇربان ھېيتى پائالىيىتى تەشكىللىگەنلىكى، كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ساما ئوينىغانلىقى بايان قىلىنغان. ۋەھالەنكى، سۈرەتلىك خەۋەردە يەنە، قوراللىق ساقچى قىسمىنىڭ تولۇق قوراللانغان ھالدا ھېيتلىق پائالىيەت بولۇۋاتقان مەيداندا پاراتتىن ئۆتكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەنلىكىمۇ نامايان قىلىنغان.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنداق دىنىي ۋە مىللىي بايرىمىدا ئۇيغۇرلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ئاخىرىدىن قوراللىق ساقچى قىسمىنى پاراتتىن ئۆتۈشكە ئۇيۇشتۇرۇشىنىڭ ھەيۋە كۆرسىتىش خاراكتېرى بارلىقىنى تەھلىل قىلماقتا.
