قاراقاش ناھىيىسى ۋە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارلىرى ئەمىلىدىن قالدۇرۇلدى
2017.01.05
قاراقاش ناھىيىسىدە پارتكوم بىناسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، قاراقاش ناھىيىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى خۇ جۈن ۋە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ جىنبياۋ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان.
مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتا، يۇقىرىدىكى بۇ ئىككىيلەننىڭ پارتىيە ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ۋە خىزمىتىنى ياخشى ئورۇندىيالمىغانلىقى گۇمانى بىلەن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ، تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئۇقتۇرۇشتا باشقا ھېچقانداق تەپسىلات بېرىلمىگەن.
قاراقاشتىكى ۋەقەدىن كېيىنلا ئېلىنغان بۇ قارار چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلار بۇ ئىككى ئەمەلدارنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشىدا قاراقاشتىكى ۋەقەنىڭ رولى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى مۆلچەرلىمەكتە.
28-دېكابىر، قاراقاش ناھىيەلىك پارتكومغا ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، شۇ كۈنى ساقچىلارنىڭ پارتكومغا باستۇرۇپ كىرگەن 3 كىشىنى ئېتىۋەتكەنلىكى ۋە خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئىككى كىشى ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.