قاراقاش ناھىيەسىدە نوپۇسىنىڭ 3 تەن بىر قىسمى دېگۈدەك نامرات ئىكەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016.07.06

شىنخۇا ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيەسىدە پۈتۈن ناھىيە نوپۇسىنىڭ 3 تەن بىر قىسمى دېگۈدەك نامرات ئىكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، پۈتۈن ناھىيەنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 580 مىڭ بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە نامراتلارنىڭ سانى 150 مىڭغا يېتىدىكەن.

ئۇيغۇرلار ئومۇم نوپۇسنىڭ 97 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان مەزكۇر ناھىيەدىكى تېرىلغۇ يەر ھەر بىر ئادەم بېشىغا ئاران بىر مودىن توغرا كېلىدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى نامراتلىقنى قاراقاشتا ئاتالمىش دىنىي ئەسەبىيلىكىڭ باش كۆتۈرۈشىگە سەۋەب بولغان ئامىل دەپ قارىغان.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، قاراقاشنىڭ ئۆتكەن يىلى فېۋرالدا تەيىنلىگەن ناھىيە سېكرېتارى خې جۈن، ساقچىلارنىڭ قاتتىق ھەرىكەت قوللىنىشىغا قارىماي ناھىيە تەۋەسىدە گۇرۇھ ۋە مەخپىي تەشكىلاتلارنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلۇپ ئەسەبىيلىككە ياتىدىغان، تېررورلۇق مەشىقلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئۇچۇرلارنى كەڭ تارقىتىدىغان ئەھۋاللارنىڭ ئىزچىل كۆرۈلۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەمما، خەۋەردە بۇ تەشكىلاتلار ھەققىدە تولۇقلىما مەلۇماتلار بېرىلمىگەن.

ئىلگىرىكى خەۋەرلەردە دائىرىلەرنىڭ قاراشتا «دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرۇش» دېگەن نامدا دەرەخلەرنى كۆپلەپ كېسىپ، ئورنىغا مېۋىلىك دەرەخ  تىككەنلىكى، بۇنىڭ يەرلىك دېھقانلارنى نارازى قىلغانلىقى ۋە دەرەخلەر كېسىلسە ناھىيىدە تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ قۇملىشىش خەۋپىنى كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

ھالبۇكى شىنخۇا ئاخباراتىدا، «قاراش دېھقانلىرىنىڭ يەردىن باشقا كىرىم مەنبەسى يوقلۇقى» ئېنىق كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەرنىڭ تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداشقا ئالاقىدار قانداق تەدبىرلەرنى ئالغانلىقى شەرھلەنمىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.