ئۇيغۇر دىيارىدىكى قاتناش باشقۇرۇشى تېخىمۇ كۈچەيتىلمەكچى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016.04.25


ئۇيغۇر رايونى قاتناش ساقچى دائىرىلىرى 6 - ئايدىن ئېتىبارەن قاتناش بىخەتەرلىكى بويىچە مەخسۇس تۈزەش ۋە باشقۇرۇش ھەرىكىتى باشلايدىكەن.

شىنجاڭ تورىنىڭ خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاتناش ساقچى ئورۇنلىرىنىڭ بۇ يىلدىكى ئىككىنچى پەسىللىك ھەرىكىتىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ قېتىم يەنە مەخسۇس ئاممىۋى ئەھۋال مەلۇم قىلىش سۇپىسى قۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ ئەھۋال سەزگەن ھامان يانفون، ئاپتوموبىل يۈرۈش ئەھۋالىنى خاتىرىلەش ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئۇچۇر يوللىشىنى ئىلھاملاندۇرۇش يولغا قويۇلىدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يانفون قىسقا ئۇچۇر سۇپىسى، ئىنتېرنېت مۇلازىمەت تورى،ۋە باشقا ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان سەككىز تۈردىكى ئاپتوموبىللارنىڭ شوپۇرلىرى ۋە ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن ۋە باشقا ئاپتوموبىل ھەيدىشى چەكلەنگەنلەرنىڭ تىزىملىكى پاش قىلىنىدىكەن.

يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئاپتوموبىللارنىڭ سانىمۇ تېز سۈرەتتە كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، بۇ، قاتناش ساقچى دائىرىلىرىنىڭ نازارەت ۋە باشقۇرۇشنى شۇنىڭدەك قاتناش بىخەتەرلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولغان.

ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قاتناش ساھەسىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان ئىزچىل چىڭ تۇتۇپ كېلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا يۈز بەرگەن ھەر خىل شەكىلدىكى قارشىلىق ۋە نارازىلىق ۋەقەلىرى تۈپەيلىدىن جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرىنىڭ يول ئۈستىدە تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى قۇرۇپ، ھەر خىل ئاپتوموبىللار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر يولۇچىلار ۋە ئاپتوموبىل ئىگىلىرىگە قارىتا تەكشۈرۈشنى ئاشۇرغانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.