خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى سەئۇدى ئەرەبىستاننى ئىككى ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىككە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022-03-24
Share

2020-يىلى 11-ئايدا سەئۇدى ئەرەبىستاندا سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنىپ جىددە شەھىرىدىكى تۈرمىدە يېتىۋاتقان ھەمدۇللا ۋەلى بىلەن نۇرمۇھەممەت روزىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە پايتەخت رىيادتىكى تۈرمىگە يۆتكىلىشى ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى ئەندىشىلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 23-مارت كۈنى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىگە جىددىي چاقىرىق ئېلان قىلىپ، ھەمدۇللا ۋەلى بىلەن نۇرمۇھەممەت روزىنى خىتايغا قايتۇرماسلىقنى تەلەپ قىلدى.

23-مارت كۈنى ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى بۇ ئىككى ئۇيغۇرنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىش پىلانىنى توختىتىشى كېرەك، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇش سىياسىتى قوللىنىۋاتقان بۇ جايدا ئۇلارنىڭ قېيىن-قىستاققا دۇچ كېلىش خەۋپى ئىنتايىن ئېغىر».

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا رايونىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لىن مائالوف باياناتتىكى سۆزىدە «بۇ كىشىلەر ئەگەر خىتايغا ئەۋەتىلسە ئۇلارنىڭ جازا لاگېرلىرى ياكى تۈرمىلەرگە قامىلىشى ۋە قىيىن-قىستاققا ئېلىنىشى مۇمكىنلىكى» نى ئەسكەرتىپ: «خەلقئارا قانۇنلارغا ئاساسەن، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قىيىن-قىستاققا ئۇچراش خەۋپى سەۋەبىدىن ھەمدۇللا ۋەلى ۋە نۇرمۇھەممەد روزىلارنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرمەسلىك مەجبۇرىيىتى بار. سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش پىلانىنى بىكار قىلىشى ۋە ئۇلارنى تۈرمىدىن دەرھال ئازاد قىلىشى كېرەك» دېگەن.

ھەمدۇللا ۋەلى بىلەن نۇرمۇھەممەت روزىنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىش خەۋپى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئىزچىل ئەندىشىسىنى قوزغاپ كەلگەن. بولۇپمۇ ئالدىنقى ھەپتە سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرىنىڭ جىددە شەھىرىدىكى ئەل-داھبان تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بۇ ئىككى ئۇيغۇرنى پايتەخت رىيادقا يۆتكەپ ئەكەلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغاندىن كېيىن ئەندىشە يەنىمۇ كۈچەيگەنىدى.

ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا قىلغان سۆزلىرىدە بۇ ئىككىسىنىڭ 16-مارت كۈنى رىيادقا يۆتكەپ كېتىلىشىنىڭ ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ خەلقئارا جەمئىيەتتىن ياردەم تەلەپ قىلغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت