قازاق پائالىيەتچىلەر قازاقىستاننىڭ ئىككى قازاق سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىنى خىتايغا قايتۇرماسلىقىنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-12-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

قازاقىستاندىكى ئۆكتىچى پائالىيەتچىلەر قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىلىق ئىككى نەپەر قازاق سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش قارارىغا قارشى چىققان.

«ئازادلىق» رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جانبولات ماماي، ئېرىسبېك توقتاسىن، تۆلەگەن جۇكېف قاتارلىق پائالىيەتچىلەر 9‏-دېكابىر كۈنى ئالمۇتادا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىپ، قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ يۇقىرىقى ئىككى قازاق سىياسىي پاناھلانغۇچىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

پائالىيەتچىلەر، ئەگەر قازاقىستان مۇراغېر ئالىم ئولى، قاستېر مۇساخان ئولى ئىسىملىك بۇ ئىككى سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرسە، ئۇلارنىڭ مۇتلەق تەن جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقى ياكى ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئىلگىرى مۇراغېر ئالىم ئولى بىلەن قاستېر مۇساخان ئولى ئالمۇتادا ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي چېگراسىدىن قانۇنسىز ئۆتۈپ قازاقىستانغا قېچىپ چىققانلىقى، قازاقىستان ھۆكۈمىتىدىن سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. نۆۋەتتە، چېگرادىن قانۇنسىز كىرىش بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مۇراغېر ئالىم ئولى بىلەن قاستېر مۇساخان ئولىنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى بۇ يىل 10‏-ئايدا قوبۇل قىلىنغان.

لېكىن، ئۆتكەن جۈمە كۈنى قازاقىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دارخان دىلمانوف، بۇ ئىككىيلەننىڭ خىتايغا قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، بۇ ئىككىيلەننىڭ قازاقىستاندا «قېلىش مۇمكىنچىلىكى يوقلۇقى» نى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. «ئازادلىق» رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىشىچە، ئۆزلىرىنى «قازاقىستان كەلگۈسى دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ يېتەكچىلىرى» دە تونۇشتۇرغان پائالىيەتچىلەر «قازاقىستاننىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئېتنىك قازاقلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ۋەزىپىسى بارلىقى» نى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى باشقا دۆلەتلەرنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەلىكىدىكى «ھەرقانداق بىر يەرلىك مىللەت مۇساپىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىك» كە چاقىرىپ، ئەگەر ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلسە، «تەن جازاسىغا ئۇچرىشى، قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشى ياكى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇشى مۇمكىنلىكى» نى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت