خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر خەلقئارا مۇسابىقىدە مۇشتلاشقاندەك قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، بىر-بىرىگە مۇشت ئېتىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان ئىككى قازاق رەقىب مۇشتلاشچىنىڭ مۇسابىقە لاياقىتى ئېلىپ تاشلانغان.
بۇ ۋەقە 5-ماي خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئەركىن مۇشتلىشىش تۈرىنىڭ چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە يۈز بەرگەن. مۇسابىقىدە قازاقىستانلىق قازاق مۇشتلاشچى ئايبەك نۇرسېيىت بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىلىق قازاق مۇشتلاشچى غابىت تۇرغانبېك مۇسابىقىگە چۈشكەن.
ئەمما مۇسابىقىدە قازاق رەقىبلەرنىڭ «خىتاي تاماشىبىنلار ئالدىدا بىر-بىرى بىلەن مۇشتلىشىشقا رايى بارمىغان.»
ئەركىن ياۋروپا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستانلىق ماھىر ئايبېك نۇرسېيىت، بىر-بىرىنى ئۇرۇشقا رايى بارماسلىقىدا مىللىي ئامىل رول ئوينىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.
ئۇ: «مەن مەيدانغا چۈشۈپ مۇسابىقە باشلانغاندا غابىتنىڭ مېنى ئۇرۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئۇنىڭ مەن بىلەن مۇشتلىشىشنى خالىمايۋاتقانلىقى مەلۇم ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ بىر قازاققا مۇشت ئېتىشنى خالىمىدىم» دېگەن.
خەۋەردە بايان قىلىشىچە، رېفىر بۇ ئەھۋالنى بايقاپ، ئالدىدا ھەر ئىككى رەقىبنى ئاگاھلاندۇرغان. ئەمما غابىت بىلەن ئايبېك ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرغاچقا ھەر ئىككى تەنھەرىكەتچىنى لاياقەتسىز، دەپ ئېلان قىلىپ، مۇسابىقىنى بىكار قىلغان.
ئايبېك نۇرسېيىت، ئەركىن ياۋروپا رادىيوسىغا قىلغان سۆزىدە، نۇرغۇن پۇل ۋە چېمپىيونلۇق ئۇنۋانىنىڭ بىكارغا كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «بىراق مەن بىر قازاقنى ئۇرۇپ، پۇل ۋە چېمپىيونلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىشنى خالىمايمەن» دېگەن.
