قازاق ھۆكۈمىتى ئۆكتىچىلەرنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىلدى

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 19 - ماي ئېلان قىلغان باياناتىدا قازاقىستان ھۆكۈمىتىنى 21 - ماي ئۆتكۈزۈلۈشى پىلان قىلىنغان كۆلەملىك نامايىشتىن بۇرۇن ئۆكتىچىلەرنى قويۇپ بېرىشكە ھەمدە ئۆكتىچىلەرگە قارىتىلغان زوراۋانلىقىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، قازاقىستاندا تىنچ يوسۇندىكى نامايىشلارغا يول بېرىشكە چاقىرىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا قازاق دائىرىلىرى قازاقىستاننىڭ يەر ئىشلىتىش قانۇنىغا بىر تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەگەر مەزكۇر لايىھە قانۇن قىلىپ ماقۇللانسا، بۇ چەتئەل پۇقرالىرىنىڭ قازاقىستاندا تېرىلمىغان يەرلەرنى ئىجارىگە ئېلىشىغا يول ئاچىدىكەن.

بۇ قازاقىستاندىكى بىر قىسىم ئۆكتىچى پائالىيەتچىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئۇلاردىن بىر نەچچىسى 16 - ۋە 18 - ماي كۈنلىرى قولغا ئېلىنغان. قازاقىستان سوتلىرى بۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئالدىراشلا سوت ئېچىپ، بۇلاردىن كەم دېگەندە 6 نەپىرىنى 15 كۈنلۈك قاماشنى قارار قىلغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى مىھرا رىتمان مۇنداق دېدى: «ھېچكىم تىنچ يوسۇندىكى نامايىشقا قاتنىشىدىغانلىقى ئۈچۈنلا قاماپ قويۇلماسلىقى كېرەك. قازاق ھۆكۈمىتى نامايىش پىلانىغا چېتىلىپ تۇتۇلغانلارنىڭ ھەممىسىنى دەرھال قويۇۋېتىشى، 21 - مايدىكى نامايىشنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە يول بېرىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنى جامائەت پىكرى قاتناشتۇرۇلغان ئاساستا ئۆزگەرتىشى كېرەك.»

ئەركىن ياۋروپا رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاق دائىرىلىرى يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئالماتا، ئاستانا قاتارلىق شەھەرلەردە بىر نەچچە پائالىيەتچىگە قىسقا مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان.

ئۆتكەن بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان قازاقىستاننىڭ بىر نەچچە شەھىرىدە يۇقىرىقى قانۇن لايىھىسىگە قارىشى نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org