قازاقىستاندا چىقىدىغان «ئاستانە ۋاقتى گېزىتى» تورىنىڭ 25-ئاپرېل كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان ئاستانە جىنايى ئىشلار ئالاھىدە سوتى قازاقىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى ۋە كېيىن دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى رەئىسى بولغان كەرىم مەسىموفنى «ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش، ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش، زورلۇق كۈچ بىلەن ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنۇش» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ، 18 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلغان.
سوت يەنە ئۇنىڭ بارلىق مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلغان، 10 مىليارد ئاقچا، 24 مىليون دوللارنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
بۇ يىل 57 ياشقا كىرگەن كەرىم مەسىموف قازاقىستاننىڭ سابىق پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېڧ دەۋرىدە قازاقىستاننىڭ 7-نۆۋەتلىك باش مىنىستىرى بولۇپ، 2007-يىلدىن 2016-يىلغىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن قازاقىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى رەئىسى بولغان.
كارنېگ خەلقئارا تىچنلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزىنىڭ تورىدىكى ماقالىدىن ۋە يەنە بەزى ئۇچۇر مەنبەلىرىدىن قارىغاندا، كەرىم مەسىموف ئۇيغۇر ياكى ئۇيغۇر-قازاق ئارىلاش بولۇپ، ئۇ، 1965-يىل تۇغۇلغان. بېيجىڭ تىل-مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، خەلقئارا قانۇن كەسپى بويىچە دىپلوم ئالغان، ئىقتىساد دوكتورلۇقىغا ئېرىشكەن.
ئۇ، 2022-يىل 1-ئاينىڭ 5-كۈنى قازاقىستاننىڭ ھازىرقى پرېزىدېنتى قاسىم جۇمارت توقايىڧ تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. كەرىم مەسىموف قولغا ئېلىنىپ 3 كۈن ئۆتكەندە ئۇنىڭ مۇئاۋىنلىرىدىن ئۈچ ئادەم «ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى» بىلەن قولغا ئېلىنغان. ئۇلارنىڭ ھەممىسى قازاقىستاندا يۈز بەرگەن مالىمانچىلىققا شېرىك دەپ ئەيىبلەنگەن.
قازاقىستان تەپتىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بەرىك ئاسىلوڧ قازاقىستاندا يۈز بەرگەن توپىلاڭنى 2021-يىلدىن باشلاپ پىلانلانغان، ئەمما ئەمەلگە ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش دەپ ئەيىبلىگەن ۋە بۇنىڭ باش جاۋابكارلىقىنى كەرىم مەسىموف قاتارلىقلارغا ئارتقان.
ئەمما 2022-يىلىنىڭ بېشىدا «دىپلومات» تورىغا چىققان بىر خەۋەرگە كۆرە، قازاقىستاندا چىققان ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەتنىڭ سەۋەبى ئاساسەن ھۆكۈمەتتىكى چىرىكلىك ۋە ئىقتىسادىي تەڭسىزلىك بولۇپ، نازاربايىڧغا سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلىپ كەلگەن كەرىم مەسىموف يېڭى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان سىياسىي رەقىبلىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان.
