قازاقىستاندا 3 ساقچى بىلەن 1 پۇقرا قوراللىق بىر ھۇجۇمچى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-07-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ب ب س نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۈگۈن، يەنى 18-ئىيۇل كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 3 نەپەر ساقچى بىلەن بىر پۇقرا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېف بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر ھۇجۇم ۋەقەسىنى «قوراللىق ئىسلامى كۈچلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى، قازاقىستاندا تېررور تەھدىتلىرىنىڭ دەرىجىسىنىڭ كۈنسايىن ئېشىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىملىق قوراللىق ھۇجۇم ۋەقەسىگە چېتىشلىق 27 ياشلىق گۇماندار رۇسلان ئاپىسبايېۋىچ قۇلۇقبايېف قولغا ئېلىنغان. مەزكۇر ۋەقەگە چېتىشلىق باشقا گۇماندارلار داۋاملىق تەكشۈرۈلمەكتىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى داۋاملىق كۆپىيىپ 6 نەپەرگە يەتكەنلىكى پەرەز قىلىنماقتىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ھۇجۇمچىلار ئالمۇتا شەھىرىنىڭ سودا رايونىغا جايلاشقان بىر ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىپ 3 ساقچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، يەنە بىر يەرلىك كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ماشىنىسىنى بۇلاپ قاچقان. قازاقىستان دائىرىلىرى ھۇجۇمدا يەنە ئىككى ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، تىرىك تۇتۇلغان قوراللىق ھۇجۇمچىنىڭ قاتىللىق جىنايىتى بىلەن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان كىشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ئايدا تېخى بىر گۇرۇپپا قوراللىق ھۇجۇمچىلار قازاقىستاننىڭ ئاقتۆبە شەھىرىدىكى بىر قورال دۇكىنى بىلەن ھەربىي بازىغا ھۇجۇم قىلىپ 7 كىشىنى ئۆلتۈرگەن بولۇپ، قوراللىق توقۇنۇش داۋامىدا ساقچىلار ئەڭ ئاز بولغاندا 18 نەپەر ھۇجۇمچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ ۋەقەنى تىنجىتقان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت