قازاقىستان ھۆكۈمىتى 2019 - يىلىدىن ئېتىبارەن يېڭى مائارىپ ئىسلاھاتى بويىچە ئىنگلىز تىلىنى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ يۇقىرى يىللىق سىنىپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش تىلىغا ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، 2019 - يىلىدىن تارتىپ، پۈتۈن جۇمھۇرىيەت تەۋەسىدىكى قانداق تىلدىكى مەكتەپلەر بولۇشتىن قەتئىينەزەر، مەكتەپلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تاللىشى بويىچە ئۇچۇر تېخنىكىسى، بىئولوگىيە، خېمىيە، فىزىكا قاتارلىق دەرسلەرنىڭ ھەممىسى پەقەت ئىنگلىز تىلىدا ئوقۇتۇلىدىكەن.
بۇ ھەقتە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى تاكىر بالىقبايېف 2 - مارت كۈنى توختالغان بولۇپ، پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ قازاقىستان مەنبەلىرىدىن نەقىل ئېلىشىچە، مۇئاۋىن مىنىستىر بالىقبايېفنىڭ ئېيتىشىچە، يەنە جۇمھۇرىيەت تەۋەسىدىكى بارلىق مەكتەپلەردە، قايسى تىلدىكى مەكتەپلەر بولۇشتىن قەتئىي نەزەر بىردەك ھالدا 2018 - يىلىدىن تارتىپ قازاقىستان تارىخى دەرسى پەقەت قازاق تىلىدا ئوقۇتۇلىدىكەن. دۇنيا تارىخى دەرسى پەقەر رۇس تىلىدا ئوقۇتىلىدىكەن.
خەۋەر مەنبەلىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېف ئۈچ تىللىق بولۇشنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن بولۇپ، يېقىندا ئۇ «دۆلەت تىلى، بىز ياشاۋاتقان جاي خەلقىنىڭ تىلى، بىز بۇنى بىلىشىمىز كېرەك، بىز يەنە ئىنگلىز تىلىنى بىلىشىمىز لازىم، چۈنكى بۇ ئىلىم - پەن، ۋە يېڭىلىق تىلى، بىز يەنە سۆزلەشنى ئۆگىنىپ، ئۆزئارا بىر - بىرىمىزنى چۈشەنگەن ھەم بىزنىڭ چوڭ قوشنىمىزنىڭ تىلى - رۇس تىلىنى ئۆگىنىشىمىز لازىم» دېگەن
قازاقىستاندا 2013 - 2014 - يىللىق ئوقۇش يىلىدىن باشلاپ، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1 - يىللىقىدىن ئېتىبارەن ئىنگلىز تىلى ئۆگىتىش يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ يىلدىن باشلاپ، سائەت سانىنى كۆپەيتىش قارار قىلىنغان.
