قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان خىتاي بىلەن تېخىمۇ قويۇق ھەمكارلىشىش يولىغا ماڭماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.06.27

يېقىنقى مەزگىلدىن بېرى، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلدارلىرى خىتايغا كۆپرەك كېلىپ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش، يېڭى پىلان ۋە يېڭى تۈرلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

«ئوتتۇرا ئاسىيا ۋاقتى گېزىتى» چىقارغان خەۋەرگە قارىغاندا، 26-ئىيۇن كۈنى قىرغىزىستان بىلەن خىتاينىڭ سودا-ئىقتىساد ھەمكارلىقى مەركىزى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان؛ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قىرغىزىستان ئىچكى كابېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى باقىت تورىبايېۋ قاتناشقان. قىرغىزىستان بىلەن خىتاي سودا-ئىقتىساد مىنىستىرلىقىنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى بىلەن قۇرۇلغان بۇ مەركەزدە، ئاساسلىقى ئىككى دۆلەت كارخانىچىلىرىنىڭ قەرەللىك سودا سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلىدىكەن، يېڭى مەبلەغ تۈرلىرى كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن.

يەنە بىر ياقتىن، قازاقىستان بىلەن خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبىتى  25-ئىيۇن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن. ئۆزبېكىستان «دەريا» تور بېتىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، يىغىندا قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى سېرىك جۇمانگارىن بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي ئىككى دۆلەتنىڭ مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە بۇنى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرۇش جەھەتتە بىرلىككە كەلگەن. ما شىڭرۇي يەنە بۇ ھەمكارلىققا خوڭكوڭ ۋە  ماكاۋدىكى چوڭ شىركەتلەرنىمۇ تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەكلىپى بەرگەن.

مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي ھۆكۈمىتى 10 يىلدىن بېرى «بىر بەلباغ بىر يول» پىلانىنى يولغا قويۇپ،  ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئۆز تەسىر دائىرىسىگە ئېلىشقا باشلىغان. 2022-يىل 10-ئايدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراش ئەھۋالىنى مۇزاكىرىگە قويۇش تەكلىپى» نى ماقۇللاش ئاۋازغا قويۇلغاندا،  قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستان خىتاينى قوللاپ ئاۋاز بەرگەنىدى.    

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.