قازاقىستان بىلەن تۈركىيە ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

تۈركىيە بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىق مەسىلىسى نۆۋەتتە جىددىي مۇزاكىرە باسقۇچىدىن ئۆتكەن ھەمدە ئىككى تەرەپ ھەربىي ۋەكىللىرىنىڭ مۇزاكىرىسىدىن كېيىن 2022-يىللىق ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان.

«قازاقىستان خەۋەرلىرى» ئاگېنتلىقىنىڭ 28-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قازاقىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى قارمىقىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىق بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئولجاس خۇسەيىنوۋ بىلەن نۇر سۇلتان (ئاستانە) شەھرىدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ھەربىي ۋەكىلى فاتىخ پالا ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي ھەمكارلىقى، جۈملىدىن ئۇرۇش مەشقى ۋە ھەربىي تەلىم-تەربىيە ئىشلىرى بويىچە ھەمكارلىشىپ ئىش كۆرۈشكە قوشۇلغان.

«كۈندىلىك ساباخ» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، تۈركىيە بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىق مەسىلىسى خېلى ئۇزۇندىن بۇيان مۇھاكىمە قىلىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 24-فېۋرال كۈنى تۈركىيە ۋە قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بۇ مەسىلە ھەققىدە مەخسۇس سۆھبەتتە بولغان. ئىككى تەرەپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىردەك ئىمزا قويغان بىرلەشمە باياناتتا بولسا ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى، جۈملىدىن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە مەبلەغ سېلىش پائالىيىتىنى كۈچەيتىش، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا مىقدارىنى نۆۋەتتىكى بەش مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 2022-يىلىغا بارغاندا بىر قاتلاش ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.