قازاقىستانلىق ئۇيغۇر مىلياردېر ئەلىجان ئىبراھىموۋ 67 يېشىدا ۋاپات بولدى

«ئەركىن ياۋروپا رادىيوسى» ۋە «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ 3-فېۋرال بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستاندىكى ئۈچ چوڭ باينىڭ بىرى بولغان ئەلىجان ئىبراھىموۋ 67 يېشىدا ۋاپات بولغان. بۇ خەۋەرنى ئەڭ دەسلەپتە ياۋرو-ئاسىيا ئېنىرگىيە شىركىتى 3-فېۋرال ئېلان قىلغان بولۇپ، ئەلىجان ئىبراھىموۋنىڭ بۇ شىركەتتە 20. 7 پىرسەنت پېيى بار ئىكەن.

ئەلىجان ئىبراھىموۋنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سەۋەبى ھەققدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن. ئەمما ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇنىڭ ئۆلۈمى كورونا ۋىرۇسى قوزغىغان كېسەللىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

2019-يىل «فوبۇس» ژۇرنىلى ئەلىجان ئىبراھىموۋنىڭ بايلىقىنى 2 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى دەپ ئېلان قىلغان ھەمدە 2020-يىل ئۇنى قازاقىستاندىكى ئەڭ باي 5 كارخانىچىنىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزگەنىكەن.