قازاقىستاندا سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارقىتىلىدىغان ئۇيغۇرچە تېلېۋىزىيە قانىلى ئېچىلغان

«قازاقىستان خەۋەر» تورىنىڭ 9-ئاپىرىلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالماتادا «تەڭرىتاغ» دېگەن نام بىلەن تارقىتىلىدىغان ئۇيغۇرچە تېلېۋىزىيە قانىلى يېقىندا رەسمىي سۈنئىي ھەمراھ بىلەن تارقىتىلىشقا باشلىغان.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر تېلېۋىزىيە قانىلى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە رۇسچە ئۈچ تىلدا پروگرامما تارقىتىدىكەن.

قازاقىستاندىكى تۇنجى ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان «تەڭرىتاغ» تېلىۋىزىيەسى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ مەبلەغ توپلىشى بىلەن 2008-يىلى سىملىق تارقىتىشنى باشلىغان. ئۇنىڭدا ئاساسلىقى كۆڭۈل ئېچىش تىپىدىكى مەدەنىيەت پروگراممىلىرى ئۇيغۇرچە ۋە قازاقچە ئىككى خىل تىلدا تارقىتىلغان ئىكەن. ھالبۇكى، مەزكۇر سىملىق تېلېۋىزىيە قانىلى ئەينى چاغدا 1 يىل 8 ئاي تارقىتىلغاندىن كېيىن ئىقتىسادىي سەۋەب تۈپەيلى توختاپ قالغان.

بۇ قېتىم ئالماتادىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ باشلىقى ھەمدە مەزكۇر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇللا ھوشۇروفنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچ چىقىرىشى بىلەن مەزكۇر تېلېۋىزىيە قانىلى رەسمىي سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارقىتىلىشقا باشلىغان.