قازاقىستاننىڭ سوتى مىرزاقاماقتىكى سېرىكجان بىلاشئوغلىنىڭ ئەرزىنى رەت قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-06-14
Share

قازاقىستان پايتەختى نۇرسۇلتاندىكى بىر ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى 14‏-ئىيۇن كۈنى يېپىق سوت ئېچىپ، قازاقىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، «ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى سېرىكجان بىلاشئوغلىنىڭ مىرزاقاماقنى ئۇزارتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ قىلغان ئەرزىنى رەت قىلغان.

ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، سوت مەھكىمىسى ئەرزىنى رەت قىلىپ، سوتنىڭ مىرزاقاماقنى 10‏-ئىيۇلغا قەدەر ئۇزارتىش توغرىسىدىكى قارارىنى ساقلاپ قالغان.

قازاقىستان پايتەختىدىكى بىر يەرلىك سوت مەھكىمىسى يېقىندا بىلاشئوغلىغا مىرزا قاماقنى يەنە بىر ئاي ئۇزارتىشقا بۇيرۇغان. بۇ قازاقىستان ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ ئۇنى داۋاملىق مىرزاقاماقتا تۇتۇپ تۇرۇشنى 2‏-قېتىم ئۇزارتىشى ئىدى. سېرىكجان بىلاشئوغلىنىڭ قازاقىستاندا «ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتى قۇرۇپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى قازاقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى، لاگېردىكى قازاق ۋە ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىشى، خىتاي دائىرىلىرىنى ۋە قازاقىستان ھۆكۈمىتىنى قاتتىق بىئارام قىلىپ كەلگەن. ئۇ بۇ يىل 3‏-ئايدا ئالمۇتادا تۇتقۇن قىلىنىپ، پايتەخت نۇرسۇلتانغا ئېلىپ كېتىلگەن. دائىرىلەر ئۇنى «ئېتنىك ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ ئادۋوكاتى ئايمان ئۆمەروۋانىڭ يېقىندا رادىيومىزغا نۆۋەتتە قازاقىستان تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ ئۇنى كىشىلەرنى خىتايغا قارشى «جىھات» قا چاقىرىش بىلەن ئەيىبلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئايمان ئۆمەروۋانىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، سېرىكجان بىلاشئوغلى بۇ يىل 2‏-ئايدا ئالمۇتادىكى بىر رېستۇرانتتا نۇتۇق سۆزلەپ، كىشىلەرنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتايغا قارشى «ئاخبارات جىھادى» ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغانىكەن.

ئايمان ئۆمەروۋا، بىلاشئوغلىنىڭ «جىھات» قا چاقىرغانلىقىنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭ «ئاخبارات جىھاتى» دېگەن سۆزنى «ئاخبارات كۈرىشى» دېگەن مەنىدە ئىشلەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى. ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، 14‏-ئىيۇن ئېچىلغان سوتقا بىلاشئوغلىنىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن 200 دەك ئادەم قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن دائىرىلەر ئۇلارنىڭ سوتقا قاتنىشىشىنى رەت قىلغان. بۇنىڭدىن نارازى بولغان كىشىلەر سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدا ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، بىلاشئوغلىنى قوللايدىغانلىقى، قازاقىستان دائىرىلىرىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت