قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر بالىلار سەنئەتكارلىرى نەتىجە قازاندى

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا تەشكىللەنگەن بىر قىسىم سەنئەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈرلۈك جايلاردىكى فېستىۋاللارغا ئاكتىپ قاتناشتۇرىلىۋاتقانلىقى مەلۇم، ئەنە شۇلارنىڭ بىرى قازاقىستاننىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇر بالىلارنىڭ «باھار» ناخشا - ساز ۋە ئۇسسۇل ئانسامبىلىدۇر.

ئۇيغۇر ئاۋازى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر «باھار» ئانسامبىلى يېقىندا قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىگە بېرىپ، بۇ يەردىكى «بېيېتشىلىك ئەلېمى»ناملىق خەلقئارا قازاق ئىجادىي بىرلەشمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن رۇسىيە، قىرغىزىستان، تاتارىستان، قازاقىستان ۋە باشقىمۇ قوشنا ئەللەرنىڭ سەنئەتكارلىرىنىڭ ئىشتىراكى ئاستىدا قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 25 يىللىقى ھەم 11 - ئەسىردە ئۆتكەن ئۇيغۇر ۋە تۈركىي خەلقلەر ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىغا بېغىشلانغان سەنئەت مۇسابىقىسىدە يۈكسەك ئورۇننى ئىگىلىگەن.

مەزكۇر ئانسامبىلنىڭ 12 ئوغۇل سازەندىسى ۋە 10 قىز ئۇسسۇلچىسى بار بولۇپ، ئۇلار بىشكەكتە ئۇيغۇرلارنىڭ «باھار سەيلىسى»مۇزىكىسى ۋە «ناغرا» سازلىرىنى ئورۇندىغان شۇنىڭدەك يەنە ئۇيغۇر، تاجىك ۋە رۇس خەلقلىرىنىڭ ئۇسسۇللىرىنى چوڭ ماھارەت بىلەن كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ سەنئەت تالانتىنى نامايان قىلغان.