چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ ئەڭ كۆپ قىسمى جايلاشقان قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان ئۇيغۇر مىللىي دوپپىلىرىنى كىيىپ، تۈرلۈك مۇراسىملارغا قاتنىشىش قىزغىنلىقى قوزغالغان.
بۇ جەھەتتە بىر توپ ئۇيغۇر ياشلىرى تەشكىللىگەن «doppalife.com» ئىنتېرنېت تور گۇرۇپپىسى ئالاھىدە رول ئويناۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر گۇرۇپپا ئۆزلىرىنىڭ «doppalife.com» ناملىق ئۇنىۋېرسال تور بېتى ئارقىلىق رۇس ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا تۈرلۈك مەزمۇندىكى خەۋەر، تارىخ، مەدەنىيەت، ۋە باشقا تېمىلاردا ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغاندىن سىرت يەنە مەخسۇس تۈردە «دوپپىڭىزدىن ئۆرگىلەي»دېگەن ماۋزۇدا ياشلار مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىمۇ جانلاندۇرماقتا.
قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر تور گۇرۇپپىسى يېقىندا قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان ياركەنت شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردە مەخسۇس «دوپپىڭىزدىن ئۆرگىلەي»ناملىق كەچلىك مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان. بۇنىڭغا بۇ جايدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى قاتناشقاندىن سىرت يەنە ئالمۇتا ۋە ياركەنتتىكى تونۇلغان ئۇيغۇر ناخشىلىرى ۋە مۇزىكانتلىرىمۇ ئىشتىراك قىلىپ، ئۇيغۇر مىللىي ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ئورۇندىغان، ياشلار مۇراسىمغا ئۇيغۇر دوپپىلىرىنى كىيىشىپ قاتناشقان.
ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ «پەرۋاز»ۋە «دوپپالايىف» قاتارلىق تور سەھىپىلىردىن مەلۇم بولۇشچە، مۇنداق «دوپپىڭىزدىن ئۆرگىلەي» پائالىيىتى ئالماتادىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ياشلىرى مىللى دوپپىلىرىنى كىيىشىپ، ئۇيغۇرچە ئۇسۇللارنى ئويناپ ۋە ئۇيغۇرچە سۆزلىشىپ،ئۆز مەدەنىيىتىگە بولغان ھۆرمەت تۇيغۇسىنى ئىپادە قىلىشقان.
قازاقىستان ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتلىرى بويىچە قازاقىستاندا 240مىڭدىن دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشايدۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى بۇ ساندىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ئېيتىشىدۇ.، ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى ئالماتا، ياركەنت، چۆنجە، چېلەك ۋە باشقا چوڭ كىچىك شەھەر ھەم يېزىلارغا جايلاشقان.مۇتەخەسىسىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، سابىق سوۋېت دەۋرىدىن قالغان رۇس تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرلىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھازىرمۇ مەلۇم دەرىجىدە ساقلانماقتا ئىكەن.