ئەلىخان ئىسمايىلوف قازاقىستان باش مىنىستىرلىقىغا كۆرسىتىلدى
2022.01.11
قازاقىستاندىكى مالىمانچىلىق تۈپەيلىدىن قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم توقايېف 11-يانۋار كۈنى ئەلىخان ئىسمايىلوفنى يېڭى باش مىنىستىر نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەن. قازاقىستان تۆۋەن پالاتاسى بولسا شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە ئۇنىڭغا ئاۋاز بەرگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل 49 ياشقا كىرگەن ئەلىخان ئىسمايىلوف ئىلگىرى مالىيە مىنىستىرى، كېيىنچە بۇ قېتىم تارقىتىۋېتىلگەن ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بولۇپ ئىشلىگەنىكەن. توقايېف بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ «چەتئەلدىن كىرگەن قىسىملارنىڭ ۋەزىپىسى ئاياغلاشتى. ئۇلار پات يېقىندا قايتىپ كېتىدۇ» دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى قازاقىستاندىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق ھەرىكىتىنى ئىزچىل ئەيىبلەپ كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭ تېررورلۇق ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈرگەن. شۇنداقلا «ئەگەر قازاقىستان ھۆكۈمىتى خالىسا بىزنىڭ قوراللىق قىسىملىرىمىز قازاقىستانغا بېرىپ ‹ئۈچ خىل كۈچلەر›گە زەربە بېرىشكە، شۇنىڭدەك سىياسىي تۈزۈمنى قوغداشقا ياردەم بېرىشكە تەييار» دېگەن. ئەمما قازاقىستان ھۆكۈمىتى رۇسىيە باشچىلىقىدىكى كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىق قىسىملىرىنى ياردەمگە چاقىرغان بولۇپ، خىتاينى بۇ قاتارغا قوشمىغانىدى. ئانالىزچىلار قازاقىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەركىزىي ئاسىيا رايونىدا خىتايغا قارىغاندا رۇسىيەنىڭ تەسىرىنىڭ يەنىلا چوڭلىقىنى كۆرسەتمەكتە.