ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئايبەك سىمادىياروف دۈشەنبە كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلاردىن قويۇۋېتىلگەن بىر قىسىم قازاقلارنىڭ نۆۋەتتە ئۆز ئۆيلىرىدە نەزەربەندكە ئېلىنغانلىقى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن.
ئۇ سۆزىدە «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى قانۇن بويىچە ئوبيېكتىپ ۋە ئادىل ئىش كۆرۈشكە دەۋەت قىلىمىز» دېگەن. ئۇ سۆزىدە «بىز خىتاي تەرەپ بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىۋاتىمىز» دېگەن بولسىمۇ، ئەمما سۆزى داۋامىدا خىتايدا ھازىر 1 يېرىم مىليون ئەتراپىدا قازاق بارلىقىنى، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قازاقلارغا پاسپورت بەرمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
ئۆتكەن ھەپتىلەردە قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بەرگەن باياناتىغا ئاساسەن ھەرقايسى چوڭ خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلاردىكى قازاق تۇتقۇنلاردىن ئىككى مىڭ كىشىنى قويۇپ بېرىشكە ماقۇل بولغانلىقى كەڭ خەۋەر قىلىنغان ئىدى. بۇ مەسىلىدە قازاقىستاندا ئاكتىپ پائالىيەت كۆرسىتىۋاتقان «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنىڭ باشلامچىسى سېرىكجان بىلاشئوغلى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە گەرچە قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئارقىلىق ھەرقايسى تاراتقۇلاردا مۇشۇنداق خەۋەر بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە خىتاي تەرەپتىن زادى قانچە قازاقنى قويۇپ بەرگەنلىكى، قانچىلىك ئادەمنى قازاقىستان چېگراسىدىن ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئېنىق مەلۇمات يوقلىغىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرچە قازاقىستانغا قايتىپ كەلگەن ۋە «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلغان قازاقىستان پۇقرالىرى پەقەت 100 نەپەردىن ئاشىدىكەن.
ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلغان لاگېرلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان قازاقىستان پۇقرالىقىدىكى قازاق ۋە ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە بۇ لاگېرلاردىكى ئەمەلىيەتلەرنى ئاشكارىلاشتا زور رول ئوينىماقتا. يېقىندا لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن قازاقىستانغا قايتىپ كېتىشكە رۇخسەت قىلىنغان جارقىنبەگ ئىسىملىك بىر قازاق ياشنىڭ روھىي ساغلاملىقىدىن ئايرىلىپ، ئۆز ئاتا-ئانىسى ۋە خوتۇن-بالىلىرىنىمۇ تونۇماس ھالغا كېلىپ قالغانلىقىغا ئائىت سىن كۆرۈنۈشى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلىپ زور ئىنكاس قوزغىدى.
