خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ ھەمكارلىقى كۈچەيمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2016.05.03

قازاقىستاندا رۇسچە نەشر قىلىنىدىغان «كۇرسىۋ گېزىتى» نىڭ 3-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ كۈنى قازاقىستاننىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن باش مىنىستىرى باقىتجان ساغىنتايېف ئۈرۈمچىدىن كەلگەن «ش ئۇ ئا ر ۋەكىللەر ئۆمىكى» بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئالاقىدار سۆھبەتتە بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۆمەكنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن باشلاپ كەلگەن بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئۆز-ئارا ئىقتىساد ۋە سودا مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ھەققىدە نۇقتىلىق سۆھبەتلەشكەن. جۈملىدىن «قورغاس خەلقئارا مەركىزى» قۇرۇلۇشى، خىتايدىن قازاقىستانغا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يۆتكەشكە لازىملىق «يېشىل كارىدور» قۇرۇلۇشى ھەمدە «دوستلۇق-ئالاتاۋ» ۋە «ئالتۇنكۆل-قورغاس» تۆمۈريول قاتنىشىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلار بويىچە مۇھىم سۆھبەتلەرنىڭ بولىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

«ش ئۇ ئا ر ۋەكىللەر ئۆمىكى»نىڭ قازاقىستان زىيارىتى ھەققىدىكى خەۋەردە بۇ ئۆمەكتە بىرەر ئۇيغۇر شەخسنىڭ ئىسمى ئاتالمىغانلىقىغا دىققەت قىلغان ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا قاراتقان ئىقتىسادىي جەھەتتىن سىڭىپ كىرىش ۋە كونتروللۇقنى كۈچەيتىش تەدبىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.