خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ كېلەر ھەپتە قازاقىستاندا دۆلەت زىيارىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقى خىتاي رەسمىي مەتبۇئاتلىرى تەرىپىدىن كەڭ تەرغىب قىلىنىپ، مەزكۇر سەپەرنىڭ ئىككى دۆلەت دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلمەكتە.
ئاستانا زىيارىتى جەريانىدا شى جىنپىڭ يەنە 8-9-ئىيۇن كۈنلىرى ئېچىلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن.
«ھىندىستان ۋاقتى» گېزىتى ۋە باشقا خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ يېزىشىچە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا 17 يىل توشۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى جەريانىدا مەزكۇر تەشكىلاتقا كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتنىشىپ كېلىۋاتقان ھىندىستان ۋە پاكىستاننىڭ رەسمىي ئەزالىق سالاھىيىتى قارارلاشتۇرۇلىشى مۇمكىن.
ئەمما، خىتاي مەتبۇئاتلىرى شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىقى يىغىنىدىن باشقا يەنە ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ قازاقىستان زىيارىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. خىتاينىڭ «خەلق تورى» شى جىنپىڭنىڭ قازاقىستان سەپىرى ھەققىدە قازاقىستان، رۇسىيە ۋە باشقا ئەللەرنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ پىكرىنى ئېلىپ باش ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى رولى شۇنىڭدەك قازاقىستان بىلەن بولغان ھەمكارلىقلىرىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرگەن.
ماقالىدە شى جىنپىڭنىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ قازاقىستان ھۆكۈمىتى،خەلقى ۋە ھەر ساھە تەرىپىدىن قىزغىن كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى يازغان.
ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بىلەن بولغان ھەر بىر ئۇچرىشىشلىرى ۋە ئالاقىلىرىدە ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» لەرگە ئورتاق قارشى كۈرەش قىلىشنى ئىزچىل تەلەپ قىلماقتا. بۇ قېتىممۇ مەزكۇر تېمىنىڭ قازاقىستان-خىتاي رەھبەرلىرى ئارىسىدا ۋە شاڭخەي گۇرۇھى يىغىنىدا يەنە تەكىتلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.